باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«تەشۋىقاتچىلارنىڭ سۆزى ماڭا زور ئىلھام بولدى»

2016.06.17 15:25   مەنبە: خەلق تورى

«تەشۋىقاتچىلارنىڭ سۆزى ماڭا زور ئىلھام بولدى»

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) «پۈتكۈل ئائىلىنىڭ يۈكى ماڭا قالغاندا، مەن ئۆز تەقدىرىمنى تېخىمۇ ئۆزگەرتىش، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئوقۇش يولىنى تاللىدىم، بىلىم ئادەمنىڭ تەقدىرىنى، كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىدۇ، مېنىڭ ھازىرقى نەتىجىلىرىم دەل مېنىڭ ئۆگىنىش روھىمنىڭ ھەممىدىن كۈچلۈك كەلگەنلىكىنىڭ، ئۆگىنىش ئارقىلىق تەقدىرىمنى ئۆزگەرتكەنلىكىمنىڭ دەلىلىدۇر...» دەپ لېكسىيە سۆزلەشكە باشلىدى شىنجاڭ «ئاتلان» پەن - مائارىپ چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدېرى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغارلىققا، ياخشىلىققا ئىنتىلگەن ياش قاسىمجان ئابدۇرېھىم 15 - ئىيۇن خوتەن ناھىيەلىك پارتكوم يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدە.

  شۇ كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرقاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش ھەققىدىكى كۆرسەتمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ج ك پ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى قىزغىن قۇتلۇقلاش، پۈتكۈل جەمئىيەتتە دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مۇنەۋۋەر پەزىلىتىنى نامايەن قىلىپ، زور كۈچ بىلەن ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق كادىرلىرىنى، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلىدىكى ئىلغار شەخسلەرنى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان، ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن «جۇڭگو ئارزۇسى، ئەمگەك گۈزەل، شىنجاڭ ياخشى» ئاساسىي تېمىسىدىكى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، مۇنەۋۋەر ياشلار، ئىلغار ئاياللاردىن تەشكىللەنگەن تەشۋىقاتچىلارنىڭ سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى مەيدان پائالىيىتى خوتەن ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، شىنجاڭ «1 - ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى خادىمى مەمتىمىن ئابلىز، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، جۇڭگو نېفىتچىلىك گۇرۇھى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى قويۇق نېفىت ئۆزلەشتۈرۈش شىركىتى ئىشچىسى روزىمۇھەممەد باقى، گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس، شىنجاڭ دېھقانچىلىق نازارىتى خىزمەتچىسى ۋاڭ يەننا، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغارلىققا، ياخشىلىققا ئىنتىلگەن ياش، شىنجاڭ «ئاتلان» پەن - مائارىپ چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدېرى قاسىمجان ئابدۇرېھىم، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق كادىرى، يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى مەريەمگۈل مىجىت، ئاپتونوم رايون بويىچە «8 - مارت» قىزىلبايراقدارى، ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال يېزىسى چارىباغ كەنتى «كۈندە باھار» ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باش دىرېكتورى، باي بولۇش باشلامچىسى باھارگۈل سەمەت، ئاپتونوم رايون بويىچە «8 - مارت» قىزىلبايراقدارى، ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى ياۋلۇق قوش تىل بالىلار باغچىسىنىڭ باشلىقى جۇ لىنالاردىن تەركىب تاپقان يەتتە تەشۋىقاتچىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇدا «جۇڭگو ئارزۇسى، ئەمگەك گۈزەل، شىنجاڭ ياخشى» ئاساسىي تېمىسىدىكى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، مۇنەۋۋەر ياشلار، ئىلغار ئاياللاردىن تەشكىللەنگەن تەشۋىقاتچىلارنىڭ كارخانىلار، ئورگانلار، مەكتەپلەر، يېزا - بازارلار، مەھەللىلەرگە كىرىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار خىزمەتچى، ياخشى ئاتا - ئانا، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى پۇقرا بولۇش ھەققىدىكى لېكسىيە سۆزلەش (جەنۇبىي شىنجاڭ) پائالىيىتى 15 - ئىيۇندىن باشلاپ خوتەندە رەسمىي باشلاندى.

  لېكسىيە ئۆمىكىدىكىلەر ئاممىباب تىلدا، ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئۆز ئەمگىكى ئارقىلىق قېرىنداشلىرىنى ئوقۇتقان، چەت ئەللەرگە چىقىپ بىلىم تەھسىل قىلىشقا كۈچ چىقارغان روزىمۇھەممەد باقى، ئۇيغۇر يىگىتى مەۋلانجان ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر بۆرىكىنى بەرگەن خەنزۇ قىز ۋاڭ يەننا، ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن تىقارەت يولىغا كىرگەن، كېيىن تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇش يولىنى تاللاپ، بۇ يولدا نەتىجە قازانغان قاسىمجان ئابدۇرېھىم، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق كادىرى، مۇنەۋۋەر تەشۋىقاتچى، يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى مەريەمگۈل مىجىت، ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن ياراملىق ياشلاردىن بولۇش ئۈچۈن يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئۈستۈن ئاتۇش بازىرىغا كېلىپ 10 يىلدىن بۇيان يولدىشى نەسرۇللا ئۆمەر بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان جۇ لىنا قاتارلىقلارنىڭ تەسىرلىك لېكسىيەلىرى لېكسىيە ئاڭلاشقا قاتناشقانلارنىڭ بىردەك قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  سۈرەتتە: شىنجاڭ «ئاتلان» پەن - مائارىپ چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدېرى قاسىمجان ئابدۇرېھىم قارىقاش ناھىيەسى قارىساي بازىرىدا لېكسىيە سۆزلىمەكتە. شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدە بالىلار كېسەللىكلىرى كەسپى ئېچىلىدۇ
    ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 26 ئالىي مەكتەپ QS ئاسىيا 100 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ تىزىملىكىگە كىردى
    ·شىنجاڭدىكى 879 غوللۇق ئوقۇتقۇچى توردا ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈردى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئ…
    ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىن 55 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان 90 ئالىي مەكتەپ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى
    ·مەملىكەت بويىچە 21 ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئالىي مەكتىپى شىنجاڭدىن 526 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئارزۇ تولدۇرۇش 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى
    ·ئاپتونوم رايون بويىچە 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ك…