باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

رەئىس دوكلاتىغا چېلىنغان 28 قېتىملىق چاۋاك

2015.01.21 09:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) 20 – يانۋار چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 – يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مۇۋەققەت رەئىسى شۆھرەت زاكىر «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» نى بېرىپ بولغۇچە يىغىن مەيدانى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىگىرى – كېيىن بولۇپ 28 قېتىم قىزغىن چاۋاك چېلىندى.

  ـــ بۇ يىل مۇئاۋىن رەئىس، مۇۋەققەت رەئىس بەرگەن «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» ناھايىتى ياخشى، ئىخچام، خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەنگەن، يېڭى تەپەككۈر، يېڭى نىشانلار قويۇلغان دوكلات بولۇپتۇ. بوۇپمۇ «دوكلات» دا چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلار ئۆزلىرى قۇرغان ھەمكارلىق كوپىراتىپىلىرىنى كۈچەيتىش ھەققىدە ناھايىتى ياخشى سىياسەتلەر تۈزۈلۈپتۇ. شۇنىڭ بىەن بىرگە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى پەن – تېخنىكا خادىملىرىنى تەربىيەلەشنى ۋە ئۆز جايىنىڭ پەن – تېخنىكا كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە بولغان قوللاشنى كۈچەيتىش، بۇ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ھەققىدە ناھايىتى ياخشى سۆزلەر بولۇپتۇ. «دوكلات» مەزمۇنى مېنى شۇنداق ئىلھاماندۇردى،- دېدى قەشقەر ۋىلايىتىدىن كەلگەن ۋەكىل ماھىنۇر نامەت.

  ـــ مۇئاۋىن رەئىس، مۇۋەققەت رەئىس شۆھرەت زاكىرنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى ناھايىتى ئەمەلىي، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن، ئوبيېكتىپ بولغان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلتۇرقى بىر يىللىق خىزمەتلىرى ئومۇميۈزۈك خۇلاسىلەنگەن، 2015 – يىللىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان،«دوكلات» تا مەركەزنىڭ مۇھىم، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى تولۇق ئىپادىلەنگەن بىر «دوكلات» بولۇپتۇ. ئۆتكەن بىر يىل ناھايىتى مۇشەققەتلىك، خىزمەتلەر سالمىقى ئېغىر بولغان بىر يىل بولدى. بۇلتۇرقى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى تازا كۆرۈنەرلىك بولمىغان شارائىتتىمۇ ئاپتونوم رايوننىڭ نۇرغۇن ساھەلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ئاسان ئەمەس، ئاپتونوم رايونلۇق خەق ھۆكۈمىتى «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى» يولغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان ئالەمشۇمۇ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈدى، بۈگۈن دوكلاتنى ئاڭلاپ ناھايىتى روھلاندىم، - دېدى ئەزا مۇھەممەت ھەسەن.

  ـــ «دوكلات» ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان دوكلات بولۇپتۇ، «دوكلات» نىڭ ئاياللار خىزمىتى ھەققىدىكى قىسمىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇرسەن بودۇم، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بولۇپمۇ بۇلتۇر لوپ ناھىيەسى لوپ بازىرى چاپا كەنتىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىدە كەنتىمىزدە ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش سىياسىتى تولۇق ئەمەلىيەشتى، ئاياللاردا كۆرۈلۈدىغان كۆكرەك راكى ۋە بالىياتقۇ راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش خىزمىتى ناھايىتى ياخشى يولغا قويۇلۇپ، كەنتىمىزدىكى ئاياللارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆسۈمسىز قەرزى ئەمەلىيىشىپ، ئاياللارنىڭ ئۆسۈمسىز قەرز ئېلىپ ئۆز ئىقتىسادىنى ياخشىلىشىغا نۇرغۇن قۇلايلىقلار يارىتىلدى. ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى ۋە ياردىمىدە جىلباپ كىيىدىغان، ئورىنىدىغانلار يۈزىنى ئېچىپ، جىلبابىنى تاشلاپ، چىرايلىق ياسىنىپ يۈرىيدىغان بولدى،- دېدى ۋەكىل نۇرىمانگۈۈ توختىغوجى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر