باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇلتۇر جۇڭگو ئىقتىسادى يېڭى ھالەتتە %7.4 ئاشتى

2015.01.21 10:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 20-يانۋار سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلدى، دەسلەپكى ھېسابقا قارىغاندا، 2014-يىلى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 63 تىرىليون 646 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، سېلىشتۇرما باھا بويىچە ھېسابلىغاندا ئالدىنقى يىلدىكىدىن %7.4 ئاشقان.

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما جيەنتاڭ بېيجىڭدا ئېچىلغان گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: خەلق ئىگىلىكى يېڭى ھالەتتە داۋاملىق تەكشى ئايلىنىپ، تەكشى ئېشىش، قۇرۇلمىسى سەرخىللىشىش، سۈپىتى ئۆسۈش، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىشتىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

  يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى بىر قەدەر ياخشى بولدى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى مۇۋاپىق دائىرىدە بولدى. پۈتۈن يىلدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 607 مىليون يۈز مىڭ توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن بەش مىليون 160 مىڭ توننا، يەنى %0.9 ئاشتى.

  نوپۇس، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى بىر مىليارد 367 مىليون 820 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن يەتتە مىليون يۈز مىڭى كۆپەيدى.

  ما جيەنتاڭ مۇنداق دېدى: 2014-يىلى ئېلىمىز قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن يىلدا 3-كەسىپ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %48.2 كە يەتكۈزۈپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1.3 پوئېنىت ئاشۇرۇپ، 2-كەسىپنىڭكىدىن يۇقىرى بولدى؛ ئېھتىياج قۇرۇلمىسى داۋاملىق ياخشىلاندى، پۈتۈن يىللىق ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %51.2 بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئۈچ پوئېنىت ئاشتى؛ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم پەرقى يەنىمۇ كىچىكلىدى، پۈتۈن يىلدا يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلالايدىغان كىرىمىنىڭ ئەمەلىي ئېشىش سۈرئىتى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭكىدىن 2.4 پوئېنىت تېز ئاشتى، ئېنېرگىيە تېجەپ، سەرپىياتنى ئازايتىش داۋاملىق ئىلگىرىلىدى، پۈتۈن يىلدا بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يارىتىشقا كەتكەن ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %4.8 ئازايدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر