خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ21 -يانۋار، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:20-يانۋار،جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزى تاراتقۇلار يىغىنى ئېچىپ، نورو ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى، تارقىلىش يولى ۋە ئالدىنى ئىلىش تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇردى. يېقىندىن بۇيان مەملىكىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئۆلكىلەردە كەينى-كەينىدىن نورو ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش كۆرۈلدى. جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزى تاراتقۇلار يىغىنىدا : تەتقىقات ۋە سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، نورو ۋىرۇسى ئىچ سۈرۈشنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى، ھەر يىلى 10-ئايدىن كېلەر يىل3-ئايغىچە نورو ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئەۋج ئالغان پەسلى، ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك، دېدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى