بىز سالىيوت ئېتىپ تەبرىكلەش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ بېشىدا بومبىلار پارتلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن؛ بىز ئىسسىق ئۆيىمىزدە ئېسىل تاماقلارنى يەۋەتقىنىمىزدا، ئۇلار بەلكىم نەچچە كۈن تاماق يېمىگەن بولۇشى مۇمكىن؛ بەلكىم بىز دەرستىن قانداق قېچىشنى ئويلاۋاتقىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ مەكتەپلىرى پارتلىتىلىپ مەكتەپكە قايتا ئاياق باسالماسلىقى مۇمكىن ...... 2014-يىلى، ئۇرۇش، ئىچكى مالىمانچىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆي ماكانسىز مۇساپىرلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى، ئۇلار تەڭرىنىڭ بۇ دۇنيادا ئۇنتۇپ قالغان تاشلاندى بالىلىرى!
2014-يىلى، بىز يىغلىدۇق، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئىس تۈتەكلىرى يەر شارىنى بىر قاپلىدى، ئافرىقىنىڭ ئىبولاسى كىشىلەرنى قورقۇنۇچ ئىسكەنجىسىگە تاشلىدى، ۋەقەگە ئۇچرىغان ئايروپىلانلار بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىز ئېلىپ كەتتى؛ 2014-يىلى بىز كۈلدۇق، سوچى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى بىزنى ئەڭ ئىپتىدائىي ھاياجان ئىچىگە ئېلىپ كىردى، بىرازىلىيەدىكى دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى بىزنى چەكسىز قايناق ھېسيات ئىچىگە ئېلىپ كىردى....
2014-يىلىدىكى دۇنيا بەلكىم جاراھەت بىلەن تولغان بولىسىمۇ، ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيتى تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان قاتلامغا قاراپ قەدەم تاشلىماقتا، مۇقەررەرلىك ۋە مۇقەررەرسىزلىك بىلەن تولغان كەلگۈسى ھەر بىر كىشىنىڭ كۆرەش قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.