- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئاسىيا بوكس چېمپىيونى ئابدۇراخمان ئابلىكىم ئالەمدىن ئۆتتى5
2015.01.22 12:59 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئاسىيا بوكس چېمپىيونى ئابدۇراخمان ئابلىكىم 21-يانۋار چۈشتە كېسەل سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدە 37 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى . 2012-يىل ئۆكتەبىردە ‹‹شىنجاڭ بوكس ئاتىسى›› ئابلىكىم ئابدۇرېشىت ئاشقازان ئاستى بېزى راكى سەۋەبىدىن قازا قىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭلىقلار بوكس سەھنىسىدىكى يەنە بىر پەخىرلىك ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالدى.
ئابدۇراخمان ئابلىكىم 1978-يىلى ئالتايدا تۇغۇلغان. 1994-يىلى 16 يېشىدا شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا تاللىنىپ، شىنجاڭ بوكسچىلىقىنىڭ بەرپاچىسى ئابلىكىم ئابدۇرېشىتنىڭ مەشقاۋۇللىقىدا تەربىيەلەنگەن. نەچچە يىللىق جاپالىق مەشىق ئابدۇراخماننى شىنجاڭ بوكسچىلىقىدىكى تايانچ كۈچگە ئايلاندۇرغان. 1999-يىلى تاشكەندە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، 75 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. ئابدۇراخمان بۇ نەتىجىسى بىلەن 2000-يىللىق سىدنېي ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ 2009-يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدا مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد بوكسچىلارنى تەربىيەلىگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر