باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ۋەتەنگە سادىق يۈرەك ــــ بورھان شەھىدى

2015.01.23 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيادا نۇرغۇنلىغان ئۇلۇغ كىشىلەر ئۆتكەن، بىز بولساق مۇشۇ ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ ھاياتىنىڭ مەنىسىدىن نېمىنىڭ ھەقىقىي ھايات ئىكەنلىكىنى تونۇپ، شۇلار ياندۇرغان نۇرلۇق چىراغنىڭ سايىسىدە يولىمىزنى تەمتىرىمەي تېپىپ مېڭىپ كېلىۋاتىمىز.ئۇلار ئۆزىنىڭ ھاياتى بىلەن مۇھەببەتكە تەبىر بەرگەن بولۇپ، ئۇلار بىزگە ۋەتەن مۇھەبىتىنىڭ ھەر قانداق مۇھەببەتتىن يۇقىرى تۇرىدىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ئىش –ئىزلىرى بىلەن ئىسپاتلاپ بەرگەن. بۇ ھېكايىلەر بىزگە ئىنساننىڭ ھاياتىدا ۋەتەننىڭ قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئىنتايىن جانلىق ھالدا تەسۋىرلەپ بەرگەن.

  

  بۈگۈن بىز بۇ ماقالىمىزدە سۆزلىمەكچى بولغان ھېكايىمىزمۇ مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئاتىلىرىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ پۈتۈن ئۆمرىنى سەرپ قىلىپ بىزگە نېمىنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن چۈشەندۈرۈپ بەرگەن، ئۆمرىنى ۋەتەن – خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن ئاتاپ، ۋەتەن ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تەر تۆككەن، پۈتۈن ھاياتى داستان كەبى گۈزەل ھېكايىلەر بىلەن پۈتكەن، دۆلەت رەھبىرى، جامائەت ئەربابى، شائىر بورھان شەھىدى ئاتىمىزدۇر.

  مۇشۇ ھېكايىلەرنىڭ باشلانمىسى سۈپىتىدە ، ئۇنىڭ ھايات تارىخىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنى سۆزلەپ ئۆتۈش لازىمدۇر.

  بورھان شەھىدى، ئەسلى يۇرتى شىنجاڭنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى، 1893- يىلى10-ئاينىڭ 3- كۈنى رۇسىيەنىڭ قازان شەھىرىدە نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۆزىنىڭ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن، 1912- يىلى شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن، 1914- يىلى شۇ ۋاقىتتىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە دۆلەت تەۋەلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلغان. 1933- يىلى موسكۋادا ئىنقىلابى تەشكىلاتقا قاتناشقان. شۇ يىلى 6–ئايدا ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، شىنجاڭ يۈشىن يەرلىك ماللار شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، جۇڭگونىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى زايساندا تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان. ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، دېخۇا(ئۈرۈمچى) نىڭ ۋالىيسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئۇيۇشمىسى خەلق ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. ئەينى چاغدا شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى يۈ شىيۇسوڭ قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى ۋە تەربىيىسى ئاستىدا كوممۇنىستىك ئىدىيىلەرنى قوبۇل قىلغان. 1946- يىلى 7- ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1948 – يىلى 8 –ئايدىن باشلاپ ، ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ، «مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى»، «زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى»، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولغان. 1949- يىلى تاۋسىيۆ بىلەن بىرلىكتە پارتىيە مەركىزى كومىتېتى رەئىس ماۋزىدۇڭنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ھەقىقەتكە قايتىش توغرىسىدا بىرلەشمە تىلگىرامما ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈچۈن تارىخى خاراكتېرلىك تۆھپە قوشقان.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى ۋە ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ۋە رەئىس ماۋزىدۇڭنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشىپ، 1949-يىلى 12- ئايدا شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرىپ، ئىلگىرى كىيىن بولۇپ شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى، ج ك پ مەركىزى كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، سىياسى كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.1954- يىلدىن 1965- يىلىغىچە، جۇڭگو خەلق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى 2-، 3 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئاشۇ مۇدھىش ، قاراڭغۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئۇ ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، قىيىن – قىستاقلارغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى قىلچىلىك سۇسلاپ قالمىغان. باشقىلار ئۇنىڭغا ئۆزىدە بولمىغان ھەر خىل بەتناملارنى چاپلىغاندا بىر ئېغىز قارشىلىق قىلمىغان بورھان شەھىدى، ئۇ جۇڭگولۇق ئەمەس، چەتئەللىك دېگەندە، ۋارقىراپ تۇرۇپ ، غەزەپ بىلەن، «مەن جۇڭگولۇق، مەن ۋەتىنىمنى قىزغىن سۆيىمەن»دېگەن ۋە تۈرمىدە ۋەتەنگە چوڭقۇر مۇھەببىتى ئىپادىلەنگەن شېئىرلارنى يازغان.تۆت كىشىلىك گورۇھ تارمار قىلىنغاندىن كىيىن، 1978-يىلى 3 –ئايدا ئۇ قايتىدىن مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا سايلاندى. 1980-يىلى 3- ئايدا ئاقلىنىپ، پارتىيلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. شۇ يىلى 9- ئايدا يەنە بىر قېتىم مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ، 5-، 6- نۆۋەتلىك كومىتېتىدا ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىدى. ياشىنىپ ئاجىزلاپ كەتكىنىگە قارىماي، داۋاملىق تۈردە پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ سىياسىتىنى، مىللەت، دىن سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمىلىلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى كۆڭلىگە پۈككەن. شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ،جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلغان.

  يۇقارقى قۇرلادىن بورھان شەھىدىنىڭ ھاياتىنىڭ ھەيۋەتلىك، تەسىرلىك بايانلىرىنى ئوقۇغىنىمىزدا، ئىختىيارسىز مۇشۇ كىشى ھازىرمۇ ھايات بولسىچۇ دەپ ئويلاپ كېتىمىز. مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ مىللەتلەر موزىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن«ۋەتەنگە سادىق قەلب— بورھان شەھىدى» تېمىسىدىكى ئۇنىڭ شانلىق ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان رەسىم كۆرگەزمىسى بىزگە ئۇنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇرلاپ چۈشۈنىشىمىزگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.

  بىز موزىيىغا يېتىپ بارغىنىمىزدا، شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن كېيىنكى بىرىنچى ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ئەلسۆيەر ئاپپاي تەشكىللىكىدە بورھان شەھىدىنىڭ شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلگەن رەسىم كۆرگەزمىسىگە كەلگەن بولۇپ، ئۇلار كۆرگەزمە مەزمۇنىغا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي، جانلىق ھېكايىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ بىزگە نېمىنىڭ ۋەتەن مۇھەببىتى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. ئەلسۆيەر ئاپپاي كۆرگەزمە ئەھلىگە دادىسىنىڭ ھاياتىنى يەنە بىر قېتىم تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتتى. بورھان شەھىدىنىڭ شىنجاڭ ۋە دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىكى، تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە خەلقئارالىق دوستلۇق يىغىنلىرىدا ئوينىغان مۇھىم رولىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىگە يەنە بىر قېتىم قايىل بولدى.

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە، «شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئاتلىنىش»، « شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلۇشىغا كۈچ چىقىرىش»، « يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش»، «ئاخىرقى ئۆمرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بېغىشلاش» قاتارلىق تۆت قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 100پارچىدىن كۆپرەك سۈرەت ئارقىلىق بۇرھان شەھىدىنىڭ ھايات يولى يورۇتۇپ بېرىلگەن. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ياشلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ھازىرقى تىنچ، بەختىيار تۇرمۇشنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ،توغرا بولغان سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارشى يېتىلدۈرۈشتە پايدىلىق رول ئوينايدۇ.

  ئاخىرىدا ئەلسۆيەر ئاپپاي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، دادىسىنى ئەسلەپ:«ئۇنىڭ ھاياتى بولسا يورۇقلۇققا، ئىلگىرلەشكە ئىنتىلگەن، ھارماي- تالماي ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىزدىگەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ھايات. ئۇ شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئازادلىقى، بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئاجايىپ بىر شەخس. ئۇنىڭ جۇڭگو بىلەن 3- دۇنيا ئەللىرى ئارىسىدىكى بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئەللىرى بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسىدىكى تۆھپىسىمۇ ئاز ئەمەس» دېدى.

  بورھان شەھىدىنىڭ قەلبىدە ۋەتەننىڭ ئورنىنى ھېچنېمە ئالالمايتى، ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئەلسۆيەر ئاپپاينىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە:«ئۇ بىر نامرات بالا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالدى بىلەن ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولۇپ، بىر ئىلىم ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر رەھبەر . ئۇ توختىماي تىرىشىپ ماركىسىزىم ئىدىيىسىنى، جۇڭگو كومپارتىيسىنى تاپتى، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك نىشانى. ئۇ توختىماي ئىزدىنىش ئارقىلىق، شىنجاڭ بولسا ۋەتەننىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن، ھەر قانداق ۋاقىتتا قىلچىلىك تەۋرىنىپ باقمىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا، مۇھىم تارىخى پەيىتلەردە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان.مەسىلەن: ئۇ شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە ئەنگلىيە كونسۇلى ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ، گومىنداڭنىڭ تۈگىشەي دەپ قالغانلىقىنى، شىنجاڭنىڭمۇ باشقا مۇسۇلمان ئەللىرىدەك مۇستەقىل بولۇشنى قوللايدىغانلىقىنى دېگەندە، ئۇ قەتئىي قىلىپ، گومىنداڭ يوق بولۇشى مۇمكىن، لېكىن جۇڭگو مەڭگۈ يوق بولمايدۇ، دېگەن.يەنە، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە نۇرغۇنلىغان ئۇۋالچىلىقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ ھەممە يەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەشۋىق قىلدى. ئۇ يەنە جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ يىغىنىدا بىز ۋەتەننى كۆز قارچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز كېرەك، ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەپ، جۇڭگولۇق بولغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك دېگەن. ئۇنىڭ قەلبىدىكى ۋەتەننىڭ ئورنىنى ھېچنېمە ئالالمايتى. ئۇ يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلۇش تەييارلىق خىزمەتلىرى ئۈچۈن قان تەرىنى تۆككەن»دېدى.

  بورھان شەھىدىنىڭ ئىلىم سۆيەرلىكىنى ئەسلەپ ئەلسۆيەر ئاپپاي يەنە:«ئۇ ئالدىراشلىق ئىچىدىن ئالتۇندەك ۋاقتىنى چىقىرىپ، ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى، بىر قىسىم ئىلمى ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. ياشىنىپ قالغان كۆزى ئېنىق كۆرەلمەس بولۇپ قالغاندىمۇ باشقىلارنى تەكلىپ قىلىپ كىتاب ئوقۇتۇپ ئاڭلىدى»دېدى.

  زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئەلسۆيەر ئاپپاي، بىز ياشلارنىڭ دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئۇنىڭ روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ يېتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارشى تىكلەپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، ۋەتەن خەلققە ياراملىق ئادەم بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر