باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئەلۋىدا چېمپىيۇن، ئەلۋىدا

2015.01.22 17:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ھەبىبە ئىسمائىل خەۋىرى) 2015-يىلى 21-يانۋار چارشەنبە ئۇيغۇر خەلقىمىز ئۈچۈن ئېغىر يوقۇتۇش بولغان مۇسىبەت كۈنى بولدى. تۇنجى بولۇپ ئاسىيا سەھنىسىدە چېمېپىيون بولۇپ، ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرغان شىر يۈرەك، غەيۇر ئەزىمەتتىن بىرى يۈرىكىمىزنى زىدىلىدى، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئەڭ يورۇق يۇلتۇز ساقىپ، تۈمەنلىگەن كۆزلەرنى ياشلىدى... ئۇرۇش مەيدانىدىكى بايراقدار يەر چىشلىدى...

  «جۇڭگو ياخشى ئاۋاز» پروگراممىسىدا 2-لىككە ئېرىشكەن، خەلق ئەڭ ياقتۇرغان ماھىر بولۇپ باھالانغان پەرھات خالىق «ئۇ ئون نەچچە يىل بۇرۇن مېنىڭ تەقدىرىمنى ئۆزگەرتتى، ئەگەر ئۇ بولمىسا كۆپچىك مېنى ھەرگىزمۇ تونۇيالمايتتى» دېگەن. دېمىسىمۇ تەنتەربىيە بىر مىللەتنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە ئۆزىنى نامايان قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم بىر كۆزنەك. شۇنداقلا مىللىتىمىزنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلاشتا، روھىيىتىنى چىنىقتۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر تۈر. لېكىن بۇ تۈر ئىزچىل ھالەتتە يېتەرلىك قوللاشقا ۋە ئەھمىيەت بېرىشكە ئېرىشەلمىگەنلىكتىن چوڭ سەھنىلەردە شان قۇچۇۋاتقان ئەزىمەتلىرىمىز بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەكلا. مانا بۈگۈن مۇشۇ ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ سەركىسىدىن، غەيۇر ئوغلانىمىز ئابدۇراخمان ئابلىكىمدىن ئايرىلىپ قالدۇق.

  ھەممەيلەننىڭ يۈرىكىنى داغلاپ، ھەيرەتتە قالدۇرۇپ ۋاقىتسىز ساقىغان يۇلتۇز، باھادىر ئوغلان ئابدۇراخمان ئابلىكىم 1978-يىلى ئالتايدا توغۇلغان. بوكىسقا ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان ئابدۇراخمان 16يېشىدا شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا تاللىنىپ، شىنجاڭ بوكىسچىلىقىنىڭ بەرپاچىسى ئابلىكىم ئابدۇرىشىتنىڭ مەشقاۋۇللىقىدا تەربىيەلەنگەن. 1999-يىلى ئۆزبىكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسنىڭ 75 كىلوگراملىقلار مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇپ بوكىسچىلىق ساھەسىدە شانلىق سەھىپە ياراتقان ئىدى. ئابدۇراخمان بۇ نەتىجىسى بىلەن 2000-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سىدنېي ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ 2009-يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدا مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد بوكسچىلارنى تەربىيەلىگەن.

  مەرھۇم قازا قىلغاندىن كېيىن داڭلىق يازغۇچىمىز ياسىنجان سىدىق چوغلان، تونۇلغان ئوبزورچى يالقۇن روزى، ياغاچ ئاتلىق شاھزادە ئابدۇسەمەدئىمىن كۆكتېكىن، مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا بولغان قايغۇسىنى بىلدۈرۈپ يازما يازدى، باغداش، مىسرانىم، ئەلكۈيى تورلىرىدا تورداشلار مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا بولغان قايغۇسىنى بىلدرۈدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر