باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇتەخەسسىسى: كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتى «مەمۇرلارنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلىش قىزغىنلىقى»نى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ

2015.01.21 08:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى «مەمۇرلارنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلىش قىزغىنلىقى»نى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جىن ۋېيگاڭ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا ئىسلاھ قىلغاندىن كېيىن مەمۇرلارنىڭ تەمىنات سەۋىيىسى تۆۋەنلىمەيدۇ.

  جىن ۋېيگاڭ مۇنداق دېدى: ئىسلاھ قىلغاندىن كېيىن بىر ئۆتكۈنچە مەزگىل بېكىتىلىدۇ، ئۆتكۈنچە مەزگىلنىڭ ئىچىدە ئىسلاھ قىلىشتىن بۇرۇن خىزمەتكە قاتناشقان ۋە ئىسلاھ قىلىشتىن كېيىن پېنسىيىگە چىققان كىشىلەرگە ئۆتكۈنچە كۈتۈنۈش پۇلى بېرىلىدۇ، پۇل تاپشۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا ئاساسەن، كونا-يېڭى چارىنىڭ تەمىنات پەرقىنى سېلىشتۇرۇپ، زۆرۈر بولغان ئۇسۇللار ئارقىلىق تەمىنات پەرقىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ، تەمىناتىنىڭ تۆۋەنلىمەسلىكىگە ئاساسىي جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ئىسلاھ قىلىشنىڭ ئورگان كەسپىي ئورۇندىكىلەرنىڭ خىزمەت يۆتكىشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە قارىتا جىن ۋېيگاڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئىسلاھات كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشىگە پايدىلىق. لايىھەگە ئاساسەن، ئورگان كەسپىي ئورۇنلىرىدىن ئايرىلىپ كارخانىلارغا بارسا، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىمۇ تەڭ يۆتكىلىدۇ ۋە شۇ كىشىنىڭ مائاشىنىڭ ٪12نىڭ بىر قىسمىنى بىر تۇتاش فوندىغا يۆتكەپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئورگان كەسپىي ئورۇنلىرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن كۈتۈنۈش مەنپەئىتىنىڭ داۋاملىق ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر