خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 19-يانۋار، كېنىيە نايروبى، Langata road باشلانغۇچ مەكتىپىدىن كەلگەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نامايىشقا قاتنىشىپ، مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانىدىكى بىر تامنى ئۆرۈشكە قاتناشتى. ئوقۇغۇچىلار كۈچ كۆرسىتىپ تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ كىچىكلەپ كەتكىنىگە قارشىلىق قىلماقتا. بالىلار تامنى ئۆرۈيدىغانلارنىڭ ئالدىنقى سېپىدا تۇردى. ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ كىشىلەر توپىنى تارقاقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى. ئىگىلىنىشچە، تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ كىچىكلەپ كېتىشى بىر سىياسىيون تۇرۇشلۇق مەنپەئەتدار گۇرۇھنىڭ مەيداننىڭ قىسمەن بۆلىكىنى ئىگىلىۋالغانقى سەۋەبىدىن ئىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى