باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سايرامدا ئاياللار ئائىلە بىكىنمىچىلىكىدىن قۇتۇلۇپ ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى

2015.01.16 10:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى: باي ناھىيەسىنىڭ سايرام بازىرى ئاياللارنى زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ تەشۋىقاتچىسى، ئەمەلىيلەشتۈرگۈچىسى ۋە ھەركەتلەندۈرگۈچىسى بولۇشقا يېتەكلەپ، يېزىنىڭ موقىملىقى ۋە ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

  12-يانۋار، سايرام بازىرىدىكى قىز-چوكانلار ئۈچۈن ئالاھىدە بىر كۈن بولدى. چىرايلىق كىيىنگەن قىز-چوكانلار «ئازات زامان» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ، بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ پائالىيەت زالىنى چاڭ كەلتۈرۈۋەتتى. بۇ پائالىيەت سايرام بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن بازارلىق ئاياللار بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان «ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، ئاياللارنىڭ گۈزەللىك لاتاپىتىنى نامايەن قىلايلى» دېگەن تېمىدىكى ئاياللار گۈزەللىك قۇرۇلۇشى پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، سايرم بازارلىق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە ئاياللار ئارىسىدا كۆرۈلۈۋاتقان غەيرى كىيىنىۋېلىشقا تاقابىل تۇرۇپ، ئاياللاردا ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان روھنى يىتىلدۈرۈپ، «گۈزەللىك چېھرىدە نامايەن بولسۇن، ئۇزۇن چاچلار يەلپۈنۈپ تۇرسۇن» دېگەن دەۋىر چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قۇشۇش مەقسىتىدە قانات يايدۇرۇلغان. پائالىيەتتە نومۇر كۆرسەتكەن ئاياللار يارىشىملىق ئەتلەس كۆينەك كىيىۋالغان بولۇپ، مەشرەپ بىلەن ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى. مەيداندىكى قىز-چوكانلار زوق-شوقى بىلەن ئويغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىشەنچكە تولغان گۈزەل چېھرى ۋە لاتاپىتىنى نامايەن قىلدى

  پائالىيەت ئاخىرىدا سايرام بازارلىق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرى رەيھانگۈل ھاكىم ئاياللار گۈزەللىك قۇرۇلۇشى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ، ئەتراپتىكى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىكى رولىنى شەرھلەپ ئۆتتى.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر