يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ، جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ تىجارەت قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار دوستلار چەمبىرىكىدە كەڭ تارقىلىپ ، نۇرغۇن شوپۇرلارنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى . 31-ئاۋغۇست ، مۇخبىر يۇقىرى ، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ، تەڭرىتاغ رايونى ، بۇلاقتاغ رايونىدىكى 20 ماي قاچىلاش پونكىتىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ، ماي قاچىلاش پونكىتىلىرىنىڭ تىجارەت توختىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى ئىگىلىگەن .
تەڭرىتاغ رايونلۇق يېڭى ئەسىر ماي قاچىلاش پونكىتى خىزمەتچى خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، كۈندۈزى نورمال تىجارەت قىلىدىكەن ، ئەتىگەن سائەت 8:00 دە تىجارەت باشلاپ ، كەچ سائەت 12:00 دە تىجارەتنى توختىتىدىكەن .
يۇقىرى ، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى خېنەن شەرقىي يولى ماي قاچىلاش پونكىتى ، دوڭپىڭ ماي قاچىلاش پونكىتى ، شياڭخې ماي قاچىلاش پونكىتى ، بۇلاقتاغ رايونى يىكەنكۆل ماي قاچىلاش پونكىتى ، شياڭخې ماي قاچىلاش پونكىتى ، ئارشاڭ ماي قاچىلاش پونكىتىلىرى ئەتىگەن سائەت 8:00 دە تىجارەت باشلاپ ، كەچ سائەت 12:00 دە تىجارەتنى توختىتىدىكەن ، سايباغ رايونى نۇرباغ ماي قاچىلاش پونكىتى كەچ سائەت 10:00 دا تىجارەتنى توختىتىدىكەن .
مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈشىچە ، جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە قىسمەن ماي قاچىلاش پونكىتلىرى بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ ، كەچتە تىجارەت قىلمايدىكەن . ماي قاچىلاش پونكىتى خىزمەتچىلىرى شوپۇرلارنىڭ ئاپتوموبىللارغا كۈندۈزى ماي قاچىلىشىنى تەۋسىيە قىلدى .