مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى بىخەتەر، ئىشەنچلىك

2021.04.30 11:10 مەنبە: تىيانشان تورى

  دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدە تۈركۈملەپ ئەملىنىشكە باشلىدى. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى بىخەتەرمۇ؟ ئەملەنگەندىن كېيىن قانچىلىك ۋاقىتتا ئانتىتېلا شەكىللىنىدۇ؟ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ۋاكسىنا ئەملەتسە بولامدۇ؟ 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - كونترول قىلىش مەركىزى ئىممۇنىتېتنى پىلانلاش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شيې نا ئاممىنىڭ گۇمانىي سوئاللىرىغا يېشىپ جاۋاب بەردى.

  «نۆۋەتتە بىز ئىشلىتىۋاتقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا، قوللىنىلغان ئاكتىپسىزلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ئىنتايىن پىشقان تېخنىكا.» شيې نا مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى باشقا ۋاكسىنىلارغا ئوخشاش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش جەريانىدا ھايۋانات تەجرىبىسى ۋەⅠباسقۇچلۇق،Ⅱ باسقۇچلۇق،Ⅲ باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق سىناق ئېلىپ بېرىلىپ، ۋاكسىنىنىڭ ھايۋانات ھەم ئادەم بەدىنىدە ناچار تەسىر پەيدا قىلىدىغان - قىلمايدىغانلىقى، شۇنداقلا ناچار تەسىر پەيدا قىلىش دەرىجىسى باھالانغان. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ بىخەتەرلىكلىكى ۋە ئۈنۈم كۆرسەتكۈچى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بەلگىلىگەن بازارغا سېلىش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، كەڭ دائىرىدىكى كىشىلەر توپى ئارىسىدا ئۈنۈملۈك قوغداشنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ.

  «ھازىرغا قەدەر، ۋاكسىنا ئەملەتكەن كىشىلەر توپى ئارىسىدا ۋاكسىنىغا مۇناسىۋەتلىك ئېغىر ناچار تەسىر بايقالمىدى، باشقا ۋاكسىنىلارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە ناچار تەسىرمۇ بايقالمىدى.» شيې نا مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 64 مىليون 980 مىڭ ئادەم قېتىم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەنگەن، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەتكەنلەر قېتىم سانى نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە 4 - ئورۇندا تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىز جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان تەرەققىي قىلىۋاتقان 69 دۆلەتكە ھەقسىز ۋاكسىنا ياردىمى بەردى ھەم بېرىۋاتىدۇ، 43 دۆلەتكە ۋاكسىنا ئېكسپورت قىلدى.

  «دۆلىتىمىزنىڭ كەڭ دائىرىدە ۋاكسىنا ئەملىيەلىشى ھەمدە باشقا دۆلەتلەرگە ۋاكسىنا ياردىمى بېرەلىشى يەنە بىزنىڭ ۋاكسىنىمىزنىڭ بىخەتەر، ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.» شيې نا مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىز تەستىقلىغان ۋاكسىنىنىڭ بىخەتەرلىكلىكى، ئۈنۈملۈكلۈكى توغرىسىدا ياخشى دەلىل - ئىسپات بار، بىزمۇ ئاممىنىڭ ئەھۋالنى بىلىش، قوشۇلۇش، ۋاكسىنا ئەملەشكە بولمايدىغان كېسەللەرنى ساقىت قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ۋاكسىنا ئەملەشكە پائال قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز».

  ئالدىنقى مەزگىلدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىنى كىلىنىكىلىق تەجرىبە قىلىش تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، 2 - قېتىملىق ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىنى ئەملەپ تەخمىنەن ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، ئەملەتكۈچىلەر توپىدا بىرقەدەر ياخشى ئىممۇنىتېت ئۈنۈمى شەكىللەنگەن. «ھامىلىدارلار، بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار، قىزىش، يۇقۇملىنىش قاتارلىق كېسەللىكنىڭ ئۆتكۈر مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلار، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى كەمچىل كىشىلەر توپى ھەمدە ئېغىر دەرىجىدىكى جىگەر، بۆرەك كېسىلى، دورا بىلەن كونترول قىلغىلى بولمايدىغان يۇقىرى قان بېسىم، قەنت كېسىلى ئەگەشمە كېسەللىكى، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە گىرىپتار بولغۇچىلار قاتارلىق كىشىلەر ۋاكسىنا ئەملەشكە ماس كەلمەيدۇ» دېدى شيې نا.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ