شى جىنپىڭ ئىراقتا دوختۇرخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىراق زۇڭتۇڭى بارھامغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى
2021.04.28 13:18 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىراقتىكى دوختۇرخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىراق زۇڭتۇڭى بارھامغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ