مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2021.04.27 19:51 مەنبە: خەلق تورى

  يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى لايىھەسى، يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى لايىھەسى، شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش قانۇنى لايىھەسى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قانۇنى لايىھەسى قاتارلىقلار داۋاملىق قاراپ چىقىلدى

  لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-قېتىملىق يىغىنى 26-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 167 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى فېينىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 3-قېتىم قاراپ چېقىلغان نۇسخىسىدا، ئومۇمىي پىرىنسىپتا يېزا-كەنتلەرنى مەدەنىيەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش مەزمۇنى گەۋدىلەندۈرۈلدى ھەمدە جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە قوشۇلدى؛ تېرىلغۇ يەرنى «يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىش»، «ئاشلىقتىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇرۇق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار كۆپەيتىلدى؛ يېزا-كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى قوللاش، يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى قوللاش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى قاتارلىق مەزمۇنلار تولۇقلاندى.

  يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى جوۋ گۇاڭچۈەننىڭ يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2-قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا، يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىنىڭ ئېنىقلىمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدىكى باشلامچى تارماقلار ۋە ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىش سۇبيېكتلىرى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ ھۆكۈمەت پائالىيىتىدە غىزالىنىشنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش تەشۋىقات-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، تېجەشلىك بولۇش شەرەپ، ئىسراپچىلىق نومۇس دەيدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى خۇ كېمىڭنىڭ دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2-قېتىم قاراپ چېقىلغان نۇسخىسىدا دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكى پەن-تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، كېمە-پاراخوتلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى شۈ خۇينىڭ مائارىپ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2-قېتىم قاراپ چېقىلغان نۇسخىسىدا باشقىلارنىڭ نامىدا مەكتەپكە كىرىش قىلمىشىنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، جازالاش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، باشقىلارنىڭ نامىدا ئورنىغا دەسسىتىشكە تەشكىللەش، كۆرسەتمە بېرىش قىلمىشىغا بېرىلىدىغان جازا كۆپەيتىلدى.

  ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى يۇقىرىقى تۆت لايىھەنى خېلى پىشىپ يېتىلدى دەپ قاراپ، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىغا سۇنۇش تەكلىپىنى بەردى.

  يىغىندا شۈ خۇينىڭ سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2-قېتىم قاراپ چېقىلغان نۇسخىسىدا سانلىق مەلۇمات پائالىيىتى، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى قاتارلىق سۆزلەرنىڭ مەنىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى تۈرگە، دەرىجىگە ئايرىپ قوغداش تۈزۈمى ئورنىتىش، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىش قاتارلىق بەلگىلىمىلىرى كۆپەيتىلدى.

  يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى جياڭ بىشىننىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2-قېتىم قاراپ چېقىلغان نۇسخىسىدا، شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشتا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپ ۋە قائىدىلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى ئالاقە تورى سۇپىلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش مەجبۇرىيىتى كۈچەيتىلدى؛ دۆلەت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەت مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، شەخسىي ئۇچۇر ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن جاۋابكارلىقى قاتارلىقلار مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى شېن چۈنياۋنىڭ خەينەن ئەركىن سودا پورتى قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2-قېتىم قاراپ چېقىلغان نۇسخىسىدا، پورت قۇرۇلۇشى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە كۆپەيتىلدى؛ چېگرا سىرتى بىلەن خەينەن ئەركىن سودا پورتى ئوتتۇرىسىدىكى مال ۋە بۇيۇملارنى ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىشتا ئەركىن كىرىش-چىقىشنى پىرىنسىپ قىلىش، پاسسىپ تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇشنى مۇستەسنا قىلغان باشقۇرۇش پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ ئەڭ قاتتىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلار بېكىتىلدى.

  يىغىندا جياڭ بىشىننىڭ رېۋىزىيە ئەمەلدارلىرى قانۇن لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2-قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا، رېۋىزىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ دائىرىسى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى؛ رېۋىزىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ ئومۇمىي پىرىنسىپتا رېۋىزىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ نازارەتنى قوبۇل قىلىشى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ليۇ جىشىڭنىڭ ھەربىيلەرنىڭ ئورنى ۋە ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2-قېتىم قاراپ چېقىلغان نۇسخىسىدا، مەخسۇس باب تەسىس قىلىنىپ ھەربىيلەرنىڭ ئورنى بەلگىلەندى؛ يېزا-بازار، كوچا باشقارمىسى، شەھەر-يېزا مەھەللىلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى كۆپەيتىپ بەلگىلەندى؛ خىراجەتنى ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ ھەربىيلەرنىڭ شان-شەرىپىنى رىغبەتلەندۈرۈشكە ئالاقىدار بەلگىلىمە قاتارلىقلار مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  زاكاز مال بازىرى قانۇن-تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زاكاز مال بازىرىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، زاكاز مال بازىرىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، بازار تەرتىپىنى قوغداپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى زاكاز مال قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ شاۋشى ئىزاھات بەردى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ قۇرۇقلۇق چېگرا قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى قاراپ چىقىلدى. تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ يېسۈي ئىزاھات بەردى.

  «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى قاتارلىق توققۇز قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى تاڭ يىجۈن ئىزاھات بەردى.

  ئارمىيەنىڭ رەھبەرلىك، قوماندانلىق تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىغا ماسلىشىپ، ھەربىيلەرنىڭ دېموكراتىك سايلام ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مياۋ خۇا ئىزاھات بەردى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خامچوت قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە يولغا قويۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈملۈك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، مالىيەنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەركەز خامچوتىنى تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، دائىمىي كومىتېت خامچوت خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى ياۋبىن ئىزاھات بەردى.

  گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، تاڭ يىجۈن گوۋۇيۈەنگە ئەركىن سودا سىناق رايونىغا ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى ۋاقىتلىق تەڭشەپ تەتبىقلاش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ھەققىدە ئىزاھات بەردى.

  يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ «‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش كېلىشىمى› قوشۇمچە كېلىشىمنامىسى»نى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى قاراپ چىقىلدى. گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خەلقئارا ھەربىي ھەمكارلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ باۋچۈن ئىزاھات بەردى.

  گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ما چاۋشۈ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلاردا قانۇن يۈرگۈزۈشتە ھەمكارلىشىش شەرتنامىسى»نى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى ھەققىدە ئىزاھات بەردى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ ۋە سودا ئىشلىرىدا قانۇن يۈرگۈزۈشتە ھەمكارلىشىش شەرتنامىسى»نى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ ھەققىدە ئىزاھات بەردى.

  گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ جىگاڭ «كۋادرات كىلومېتىرلىق رەسەتخانا قۇرۇش ئەھدىنامىسى»نى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى ھەققىدە ئىزاھات بەردى.

  يىغىندا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇاڭ رۈنچيۇنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن 2020-يىللىق مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت ئاسراش نىشانىنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالى، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە قاراپ چىقىش پىكرى ئەھۋالى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قانۇن بويىچە ياخشى قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا دائىمىي كومىتېت ۋەكىللىرىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ۋۇ يۈلياڭ بەرگەن قىسمەن ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا يەنە تەيىنلەش-قالدۇرۇش لايىھەسى قاتارلىقلارغا قاراپ چىقىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، باش كاتىپ ياڭ جېنۋۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ