مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن زور ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2021.04.25 18:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭ 22-ئاپرېل گۇاڭجوۋدا گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن زور ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما. بۇ، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنى بېيىتىشتىكى مۇھىم، زور ئىجادىيەت، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى كۈچلۈك تەدبىر بولۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىپ كىرىشىنى قوللاش ۋە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن ئۈچ جاي ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە پائال نەتىجە يارىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى، نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتىكى يېڭى ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ مەسىلىنى بايقاپ، مەسىلىنى ھەل قىلىپ، مۇھىم، زور ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇشتا يېڭى، تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي لىنىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، خېڭچىن گۇاڭدۇڭ-ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى ياخشى ئىگىلەپ، ئاۋمېن ئىقتىسادىنىڭ مۇۋاپىق كۆپ مەنبەلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى سۇپا، ئاۋمېن ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا قولايلىق يېڭى بوشلۇق، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنى بېيىتىدىغان يېڭى ئۈلگە، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ئېگىزلىك بەرپا قىلىش كېرەك. ئاساسلىق ۋەزىپىنى ياخشى تۇتۇپ، ئورتاق كېڭىشىدىغان، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، ئورتاق باشقۇرىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزم ئورنىتىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ دىققەتنى ئەۋزەل ساھەلەرنىڭ يېڭى كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، خېڭچىن بىلەن ئاۋمېن بىر گەۋدىلەشكەن يۇقىرى سۈپەتلىك ئېچىۋېتىش يېڭى سىستېمسى بەرپا قىلىش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چيەنخەي شېنجېن-شياڭگاڭ زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىدا «رايوننى كېڭەيتىش» بىلەن «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» ئىككى مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەمكارلىق رايونىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئالاقىدار قوللاش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شېنجېن-شياڭگاڭنىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۈزۈمنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، رايون ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شياڭگاڭ-ئاۋمېن بىلەن بولغان مۇلازىمەت سودىسىنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىشلىرىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا ھەمكارلىققا تېخىمۇ ياخشى قاتنىشىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شياڭگاڭ ۋە شېنجېننىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇدۇللاشتۇرۇش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، خېتاۋ-شېنجېن-شياڭگاڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق رايونىنى ياخشى پىلانلاپ قۇرۇش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، شېنجېن شەھىرى قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم-كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسەت-تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇشنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سەۋىيەدە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تېخىمۇ ياخشى خىزمەت، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ، خەلقئارادىكى ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە جەلپ قىلىش كېرەك. تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، چوڭ ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات بەرپا قىلىش كېرەك.

  لى شى، شيا باۋلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ قاتارلىقلار گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ