مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جۇڭگو-لائوس دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى توڭلۇن بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ لائوس ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى پانكام بىلەن ئۆز ئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى

2021.04.26 14:24 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-ئاپرېل لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى توڭلۇن بىلەن جۇڭگو-لائوس دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆز ئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن-لائوس سوتسىيالىستىك دوست قوشنىلار ۋە يىمىرىلمەس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن لائوس باشتىن-ئاخىر قەلبداش، ھەمنەپەس بولۇپ، ئۆز ئارا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشىپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت يارىتىپ، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا پائال تۆھپە قوشتى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن لائوس جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇش، ئۆز ئارا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ روھىنى جانلىق شەرھلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو-لائوس مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، يولداش باش شۇجى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ھەرىكەت پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى كېيىنكى 60 يىلدا ئۈزلۈكسىز يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەڭگۈ ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

  توڭلۇن تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، جۇڭگونىڭ لائوسنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى ئۈچۈن قىممەتلىك ياردەملەرنى بەرگەنلىكى ۋە ئۇنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. لائوس-جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، لائوس جۇڭگو بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى دوستانە ئالاقىنى كېڭەيتىپ، لائوس-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ لائوس ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى پانكام بىلەن ئۆز ئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى. لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: يېڭى تارىخىي باشلانمىدا تۇرىۋاتقان بۇ پەيتتە، جۇڭگو لائوس بىلەن سىياسىي جەھەتتىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە جۇڭگو-لائوس دوستلۇق يىلىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو-لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. پانكام تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: لائوس ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى باشتىن-ئاخىر قەدىرلەيدۇ، جۇڭگو بىلەن ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، لائوس-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇر ۋە پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ