شى جىنپىڭ كىلىمات مەسىلىسى دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

يېشىل تەرەققىيات ۋەكۆپ تەرەپچىلىك، ھەمدە ئورتاق، ئەمما پەرقلىق بولغان مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى

2021.04.23 12:49 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن،22-ئاپرېل كەچتە بېيجىڭدا ۋىدىيو شەكلىدە كىلىمات مەسىلىسى دۆلەت باشلىقلىرىيىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە «ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىياتىغا كەسكىن خىرىس ئېلىپ كەلدى. شۇڭا، يەر شارى مۇھىتىنى تۈزەشتىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن قىيىنچىلىق ئالدىدا، خەلقئارا جەمئىيەت مىسلى كۆرۈلمىگەن يۈكسەك ئىرادە ۋە ھەرىكەت بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە تۇرۇش يولىنى بىرلىكتە پىلانلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشى كېرەك.

  بۇنىڭ ئۈچۈن، بىرىنچى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىنسانلار تەبىئەتنى يىلتىز قىلىپ، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىشى، تەبىئەتكە بويسۇنۇشى، تەبىئەتنى قوغدىشى كېرەك. تەبىئەت ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە تۇرىدىغان يېڭى ئەندىزىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى قوغدىغانلىقتۇر، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقتۇر. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزىدىغان، ھەتتا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىدىن، مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە بىر مەزگىللىك تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرىدىغان يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئۇسۇلىدىن ۋاز كېچىش كېرەك. ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ تىرىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇم، بۇلار ئايرىلماس بىر ئېكولوگىيەلىك سىستېمىدۇر. ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى بويىچە، تەبىئىي ئېكولوگىيەنىڭ ھەر قايسى ئامىللىرىنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، بۇ ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنىڭ ئايلىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئېكولوگىيە تەڭپۇڭلۇقىنى قوغداش نىشانىغا يېتىش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. مۇھىت ئاسراش ۋە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىش، نامراتلىقنى تۈگىتىشتە ھەمكارلىشىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  بەشىنچى، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلقئارا قانۇننى ئاساس، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى باش مەقسەت، ئۈنۈملۈك ھەرىكەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» ۋە ئۇنىڭ «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ نىشانى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ كۆپ تەرەپلىك كىلىمات تۈزەش مۇساپىسىگە قايتىپ كېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، يەر شارى مۇھىتىنى تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

  ئالتىنچى، ئورتاق، ئەمما پەرقلىق بولغان مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىغا ئېتىبار بېرىش كېرەك. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر تېخىمۇ زور يۈكسەك ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىنى نامايان قىلىش بىلەن بىللە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى مەبلەغ، تېخنىكا، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەقىقىي قوللىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، يېشىلتەرەققىيات ۋە تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو 2030-يىلىدىن بۇرۇن كاربون چوققا قىممىتىگە يېتىش، 2060-يىلىدىن بۇرۇن كاربون نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا چىقىرىلغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو كاربون چوققا قىممىتىگە يېتىش ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ، كاربون چوققا قىممىتىگە يېتىش ھەرىكىتىنى كەڭ ۋە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شارائىتى بار جايلار، نۇقتىلىق كەسىپلەر ۋە نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ باشلامچى بولۇپ چوققا قىممەتكە يېتىشىنى قوللاۋاتىدۇ. جۇڭگو كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرلىرىنى، «14-بەش يىل»دا كۆمۈر ئىستىمالىنىڭ ئېشىشىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، «15-بەش يىل»دا تەدرىجىي ئازايتىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو دۇنيا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ قاتناشقۇچىسى، تۆھپە قوشقۇچىسى ۋە باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئادىل، مۇۋاپىق ۋە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان دۇنيا مۇھىتىنى تۈزەش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو بۇ يىل 10-ئايدا «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» پۈتۈشكۈچى تەرەپلەرنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە دۇنيادىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى تۈزەشنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرىدۇ. جۇڭگو كۆپ خىل شەكىلدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئارقىلىق، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. جۇڭگو يەنە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە داۋاملىق بەخت يارىتىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئىنسانلارغا ئېلىپ كەلگەن خىرىسى رېئال، كەسكىن ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، بىز بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولساقلا، ئىنسانلار جەزمەن يەر شارى كىلىمات مۇھىتى خىرىسىغا ياخشى تاقابىل تۇرۇپ، پاكىز ۋە گۈزەل دۇنيانى ئەۋلادلارغا قالدۇرالايدۇ.

  يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىلىمات ئۆزگىرىشى خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان كەسكىن خىرىس بولۇپ، دۇنيانىڭ بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. تېزدىن ھەرىكەت قوللىنىپ، بۇلغىما ئازايتىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ۋە تېخىمۇ زور ئېشىش بوشلۇقى يارىتىپ، يېشىلتەرەققىياتنى ۋە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان پىلانېتنى ياخشى قوغداپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە تۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەۋلادلارغا بەخت يارىتىش كېرەك. كۈنمىڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نىڭ 15-قېتىملىق پۈتۈشكۈچى تەرەپلەر يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى قوللايمىز. ئاجىز دۆلەتلەر ۋە ئاممىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ۋە تېخنىكا جەھەتتىن قوللاپ، ئۇلارنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشى ۋە ماسلىشىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ