مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.04.22 19:41 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ۋە ھىندونېزىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى يۇقۇم ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئېشىپ، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى، ھىندونېزىيە ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش 100 يىللىق نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە، ئىككى دۆلەت كەڭ ھەمكارلىق ئىستىقبالىغا يۈزلەندى. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيەنىڭ جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ۋە «يەر شارىۋى دېڭىز - ئوكيان تايىنىش نۇقتىسى» تەسەۋۋۇرىنى چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ھەمكارلىق بەرپا قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ جاكارتا - ۋەنلۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە تۈر ھەمكارلىقىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، «رايون ئۇنىۋېرسال ئىقتىساد كارىدورى» قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنى ياخشى يولغا قويۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە، دېڭىز ئۈستى ھەمكارلىقى قاتارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيەنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ھىندونېزىيەگە بولغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇپ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون سودىسىنى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «ۋاكسىنا مىللەتچىلىكى»گە قارشى تۇردى، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ھەمكارلىقى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى. جۇڭگو تەرەپ دۆلەت ئىچىدىكى ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، ھىندونېزىيە بىلەن بولغان ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ھىندونېزىيەنىڭ رايون ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى قۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، «ئىممۇنىتېت ھاڭى»نى ئورتاق توسىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگودىكى چەت ئەل پۇقرالىرىنى ئەملەتكۈچىلەر توپىغا كىرگۈزدى، ھىندونېزىيەنىڭمۇ ھىندونېزىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنى پائال مەدەت بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، يەر شارىۋى كىلىمات تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  جوكو جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ھەرقايسى ساھەلەردىكى تەرەققىياتتا مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھىندونېزىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. ھىندونېزىيە بىلەن جۇڭگو ياخشى دوست، ياخشى قېرىنداش، ھىندونېزىيە جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جاكارتا - ۋەنلۇڭ تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ھىندونېزىيەنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ