مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

«شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىش»نى چۆرىدەپ كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئېلىپ بېرىلدى ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2021.04.25 18:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 48-قېتىملىق قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى 23-ئاپرېل بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىش − شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق مۇھىم خىزمەت. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ياشلار- ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ۋەتەنپەرۋەرلەر شياڭگاڭنى ئىدارە قىلىش»، «ۋەتەنپەرۋەرلەر ئاۋمېننى ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ئامىللارنى چىڭ تۇتۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى قوزغاپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ياشلار- ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، مەدەت بېرىپ، ياردەم بېرىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، شياڭگاڭ، ئاۋمېننى سۆيۈش شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

  10 ئەزا ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر يىغىننىڭ باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن چارە-تەدبىر كۆرسەتتى. 80 گە يېقىن ئەزا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسىدا پىكىر بايان قىلدى. ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: ۋەتەننى سۆيۈش − دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق، ئەڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھېسسىيات، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئۇللۇق ئورۇنغا ئىگە، شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدا بۇ خىزمەتنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى زور، كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. ئەزالار مۇنداق تەكلىپ بەردى: مەركەزنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش-ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللاپ، مائارىپ يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىغا ماس كېلىدىغان مائارىپ سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، «ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ مائارىپنى ئىدارە قىلىشى»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، ئالاقىدار قانۇنلارنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ خاراكتېرى، مەزمۇنى، مىزانى، يولى، كاپالەت تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەتتە ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇش، ئەمەل قىلىدىغان قائىدە بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي بازىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دەرس تەسىس قىلىش، دەرسلىكلەرنى تاللاپ ئىشلىتىش، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش، ئوقۇتۇشنى باھالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشىلاپ، ئىمتىھان ۋە باھالاش ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار ئىجازىتى ۋە تەربىيەلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەتەننى، شياڭگاڭنى سۆيىدىغان مەكتەپ ئېچىشنى قوللاش كېرەك. ئىجتىمائىي مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتىنىڭ تاراتقۇلارنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشىنى قوللاپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش كېرەك. شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قاتنىشىش، ھېس قىلىش، چۆكۈش قاتارلىق شەكىللەرنى تېخىمۇ كۆپ قوللىنىپ، جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەر، بولۇپمۇ گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدا شياڭگاڭ-ئاۋمېن ياشلار-ئۆسمۈرلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى قۇرۇشنى قوللاپ، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇش جەھەتتىكى قولايلىق سىياسەتلىرىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، تەۋەلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى كۆپرەك ئىشلەپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ياشلار-ئۆسمۈرلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ ياخشى تەشۋىقاتچىسى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولۇشى كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لى بىن يىغىنغا قاتناشتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لياڭ جېنيىڭ باش تېمىدا سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرىدىن جۇ شياۋدەن، شې دېسۇڭ، لى جوبىن، چېن خۇڭ، خۇاڭ چۇبياۋ، چېن جۇڭنى، ۋاڭ مىڭفەن، خۇاڭ خۇاكاڭ، شۆ ۋېيمىن ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل جېڭ شياڭلىڭ سۆز قىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمېتىنىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى كېڭىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ