مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ دىئاز كانېلنىڭ كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2021.04.22 19:41 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دىئاز كانېلغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: سىزنىڭ كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىڭىزدىن خۇشال بولدۇم، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن سىزنى ھەم سىز ئارقىلىق كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

  كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 8 - قۇرۇلتىيى كۇبانىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزدى. سىزنىڭ كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىڭىز كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كۇبا خەلقىنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئۈمىدىنى نامايان قىلدى. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، كۇبا پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى كۇبا خەلقىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، كۇباچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

  ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ تارىختىن بۇيانقى رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈشى ۋە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشىدا، جۇڭگو - كۇبا مۇناسىۋىتى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن سىز بىلەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا نۇرغۇن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. يېڭى ۋەزىيەتتە، مەن سىز بىلەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - كۇبا سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

  سىزنىڭ يېڭى رەھبەرلىك ئورنىدا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزگە تىلەكداشمەن!
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ