مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ پولشا كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى گروزكى بىلەن كۆرۈشتى

2021.04.23 19:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 22-ئاپرېل بېيجىڭدا پولشا كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى گروزكى بىلەن سىنلىق شەكىلدە كۆرۈشتى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 2-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىن شەكلىدە جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىپ، يىغىنغا قاتناشقان زۇڭتۇڭ دۇدا قاتارلىق ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن ھەمكارلىق تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يېڭى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-پولشا مۇناسىۋىتىگە باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى ياۋروپا بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشىگە قويدى. بىز ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ جۇڭگو-پولشا مۇناسىۋىتى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ھەمكارلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىنى ئەستايىدىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دوستانە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى پولشا كېڭەش پالاتاسى ۋە پولشا جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھە بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-پولشا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  گروزكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پولشا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن. پولشا تەرەپ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە ئاكتىپ رول ئويناشنى خالايدۇ.

  لى بىن، جېڭ جيەنباڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ