مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى مۇھەممەد بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.04.21 19:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 20-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى مۇھەممەد بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇھەممەدتىن پادىشاھ سالمانغا سالام يوللىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ، شۇنداقلا مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھلار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداشقا ئايلاندى. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، ئېنېرگىيە، ئىقتىساد-سودا، يۇقىرى تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردە ھەر تەرەپلىمە، يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىق ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن مۇھىم، زور خىرىس، كۆپ تەرەپچىللىك رامكىسى ئىچىدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپنىڭ يەر شارى كىلىماتىنى تۈزەش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسى ۋە قوللانغان تەدبىرلىرىنى قوللايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ئورتاق، لېكىن پەرقلىق مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان، ئادىل، مۇۋاپىق بولغان كىلىمات تۈزەش سىستېمىسىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  مۇھەممەد پادىشاھ سالماننىڭ شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى. مۇھەممەد مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىشەنچلىك ياخشى قېرىندىشى ۋە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى، سەئۇدى ئەرەبىستان جۇڭگو بىلەن دوستلۇق، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە، ئىقتىساد-سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «2030 ئارزۇسى» بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسىدىكى ھەققانىي مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش نىشانى ۋە «يېشىل سەئۇدى ئەرەبىستان»، «يېشىل ئوتتۇرا شەرق» قاتارلىق تەشەببۇسلارنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە مۇھىت ئاسراشتا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ