مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگو-رۇسىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلىرى سۆزلىشىش مېخانىزمى 9-قېتىملىق يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2021.04.21 19:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو-رۇسىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلىرى سۆزلىشىش مېخانىزمىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىنى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى توردا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن يىغىنغا ئايرىم-ئايرىم تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2021-يىلى «جۇڭگو-رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. 20 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئىدىيەسى ۋە يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت پىرىنسىپىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قويۇق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ھازىرقى دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. ئىككى پارتىيە ئۇزاق مۇددەت مېخانىزملاشقان ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشىنى كۈچلۈك مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، ئەسىر يۇقۇمى ۋە 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى گىرەلىشىپ، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان ئىككى پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىككى پارتىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق ئېچىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىككى دۆلەتتىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  پۇتىن تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا رۇسىيە ۋە جۇڭگونىڭ ئاساسلىق سىياسىي كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىل پارتىيەنىڭ مۇھىم، زور خاتىرە خاراكتېرلىك تۈگۈنى، يەنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ۋە بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى. ئىككى پارتىيەنىڭ سۆھبىتى ئىزچىل رۇسىيە-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلدى. ئەڭ قىممەتلىكى شۇكى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن مەركەز ۋە يەرلىك قاتلامدا باشتىن-ئاخىر ئومۇميۈزلۈك ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى. ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدىكى نۇرغۇن مۇھىم قارالمىلارنى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى، قانۇن چىقىرىش خىزمىتى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇپ، نۇرغۇن پايدىلىق، رېئال ئېھتىياجغا ئۇيغۇن ئىجتىمائىي، سىياسىي تەشەببۇسلارنى ماسلاشتۇرۇپ شەكىللەندۈردى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ ئىجابىي، ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، رۇسىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ