مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

مالىيە مەبلىغىنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈشنىڭ دائىملاشقان مېخانىزمىنى يەنىمۇ ياخشى يولغا قويۇپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ كارخانىلارغا، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى)» ماقۇللاندى

2021.04.23 19:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 4-ئاينىڭ 21-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا مالىيە مەبلىغىنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈشنىڭ دائىملاشقان مېخانىزمىنى يەنىمۇ ياخشى يولغا قويۇپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ كارخانىلارغا، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مالىيە مەبلىغىنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، بۇلتۇر مەركەز مالىيەسى 1 تىرىليون 700 مىليارد يۈەن بىۋاسىتە مەبلەغ ئاجرىتىپ، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدا باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى يولغا قويۇشتا «ياردەم بېرىش» رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى تەلەپ بويىچە، بۇ يىل بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمى دائىملاشتۇرۇلىدۇ، بۇ بۇلتۇرقى بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان مەبلەغنىڭ ھەممىسى ئاشۇرۇلما مەبلەغ بولۇشقا ئوخشىمايدۇ، بۇ يىل ئاساسلىقى ساقلانما مەبلەغ بولۇپ، مەبلەغ تەقسىملەش مەنپەئەت ئەندىزىسىنى ئىسلاھ قىلىش، تەڭشەش ئارقىلىق مەركەز مالىيەسىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش تۈرلۈك مەبلىغى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ، مەبلەغ ئومۇمىي مىقدارى 2 تىرىليون 800 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. ھازىر مەركەز مالىيەسىدىن 2 تىرىليون 600 مىليارد يۈەن بىۋاسىتە مەبلەغ چۈشۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 2 تىرىليون 200 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا چۈشۈرۈلدى. كېيىنكى قەدەمدە، بىرىنچىدىن، بىۋاسىتە مەبلەغ ئىشلىتىش مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا مۇستەھكەملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان مەبلەغنى قىسمەن باسقۇچلۇق سىياسەتلەرنىڭ «چېكىنىش» تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى قىلىپ، داۋاملىق تۈردە ئاساسلىقى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئىشلىتىشنى قوللاپ، مەبلەغنى ئاممىنىڭ ئۈمىدى، كارخانا ئارزۇسىنىڭ يۆنىلىشى ۋە ساھە شۇنىڭدەك ئاساسىي قاتلامنىڭ مائاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئايلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىشىغا ئىشلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ مالىيە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، ئاساسىي تۇرالغۇ قاتارلىق ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، يەرلىكنىڭ ئېشىپ قالغان بىۋاسىتە مەبلەغنى يەتكۈزۈشى ۋە ئىشلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ ۋاقتىدا ئەمەلىيلىشىپ كۈچكە ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جايلارنى مەركەزنىڭ بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان مەبلىغى ئاساسىدا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يەرلىكنىڭ مالىيە مەبلىغىنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر داۋاملىق «بايلىق ئىلاھى» بولۇۋېلىپ ئۆز بېشىمچىلىق قىلماي، تېخىمۇ كۆپ مالىيە كۈچىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، بىۋاسىتە مەبلەغنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى چىڭىتىش كېرەك. مالىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش ۋە ئالاقىدار تارماقلار نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، جايلارنىڭ مەبلەغ تەقسىملەش، ئاجرىتىپ بېرىش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ھەرىكەت ھالىتىدە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە تۈزىتىپ، ئالاقىدار جايلار ۋە مەسئۇل كىشىلەرنى ئەھۋالغا قاراپ چاقىرتىپ سۆزلىشىپ، يالغان مەلۇم قىلىش، كۆز بويامچىلىق قىلىش، تۇتۇپ قېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىش قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلاردىن بىرى بايقالسا بىرىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان مەبلەغنى دەل جايىغا ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى)» ماقۇللاندى. لايىھەدە تېرىلغۇ يەرنى، بولۇپمۇ مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى باشقۇرۇش، قوغداش كۈچەيتىلىپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش قىزىل سىزىقى قاتتىق قوغدىلىپ، يېزا ئىگىلىك يېرىنى، بولۇپمۇ تېرىلغۇ يەرنى قۇرۇلۇش يېرىگە ئۆزگەرتىشنى قاتتىق تىزگىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېرىلغۇ يەرنى ئورمان يېرى، ئوتلاق يېرى قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىدىغان يەرگە ئۆزگەرتىش يەنىمۇ ئېنىق تىزگىنلىنىپ، تېرىلغۇ يەرنى «ئىگىلەش-تولۇقلىما بېرىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش» تۈزۈمى قاتتىق ئىجرا قىلىندى. لايىھەدە يەر ئېلىش تەرتىپى ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، يەر ئېلىشنى ئالدىن ئېلان قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، ئېلىش تۆلىمى قېلىپلاشتۇرۇلدى، ئالاقىدار خىراجەتلەر تولۇق ئەمەلىيلەشمىگەن بولسا، يەر ئېلىشنى تەستىقلاشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلىنىپ، يېرى ئېلىنغان دېھقانلارنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلدى. لايىھەدە دېھقانلارنىڭ مۇۋاپىق ئۆيلۈك يەر ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۆيلۈك يەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ قانۇن بويىچە ئېرىشكەن ئۆيلۈك يەر ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش تەكىتلەندى. لايىھەدە يەنە يەر تەپتىشلىكى تۈزۈمى ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش تەدبىرلىرى كۈچەيتىلىپ، ھەرىكەتچان چارلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق مېخانىزملار ئورنىتىلدى ھەمدە تېرىلغۇ يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، قانۇنسىز يەر ئىگىلەش، يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، تېرىلغۇ يەردە «ئاشلىق تېرىماسلىق»قا قارىتا جازالاش بەلگىلىمىسى كۆپەيتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ