مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ لائوس زۇڭلىسى پەنكان بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.04.25 18:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 23-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى زىگۇاڭگې زالىدا، تەكلىپكە بىنائەن لائوسنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ھۆكۈمەت زۇڭلىسى پانكان بىلەن تېلېفونلاشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش، ئۇزاق مۇددەت ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتى بار، خەلق ئارىسىدىكى دوستلۇق كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ باشتىن-ئاخىر جۇڭگو-لائوس مۇناسىۋىتىنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ نۇقتىلىق يۆنىلىشى قىلىدۇ. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇن بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا يېڭى، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. بۇ يىل جۇڭگو-لائوس دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، بىز لائوس تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ دوستانە ئالاقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل دەل جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۆھبەت مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ھەمكارلىق يىلى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى (RCEP)نىڭ بالدۇرراق يولغا قويۇلۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، رايون كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئەركىن سودىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  پانكان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لائوس تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن «تۆتتە ياخشى بولۇش» روھى بويىچە، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ چوڭقۇر قاتلام، كەڭ ساھە يۆنىلىشىگە قاراپ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، لائوس-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ. لائوس تەرەپ جۇڭگو بىلەن خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى − جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە بىردەك قوشۇلدى.

  ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ