مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇش كېرەك

2021.04.26 18:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-ئاپرېلدىن 25-ئاپرېلغىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجوۋ، شەنتوۋ، چاۋجوۋدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  خەن جېڭ گۇاڭجوۋ شەھىرىنىڭ يۇڭچىڭفاڭ مىكرو ئۆزگەرتىش تۈرىگە كىرىپ، شەھەرنىڭ يېڭىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى؛ گۇاڭجوۋ مۇنارىغا چىقىپ گۇاڭجوۋنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى كۆرۈپ، شەھەر پىلانلاش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى؛ گۇاڭجوۋ يۆجياڭ يولى كۆرگەزمە ئورنىنىڭ شىبى يولى ئۈلگە بۆلىكى، خەيجۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىغا بېرىپ، شەھەر ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى، سۇ مۇھىتىنى تۈزەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ شەنتوۋ چياۋمىنلار مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سارىيى، چېن سىخوڭنىڭ كونا تۇرالغۇسى ۋە چاۋجوۋ گۇاڭجى كۆۋرۈكى، راۋزۇڭيى ئىلىم يۇرتى قاتارلىقلارغا بېرىپ، چاۋشەن مەدەنىيىتىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە قەدىمىي ئىمارەتلەرنى رېمونت قىلىش، قوغداش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شەھەرنى يېڭىلاشتا ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك، كەڭ كۆلەمدە چېقىشقا، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇشقا بولمايدۇ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە تارىخىي يادىكارلىقلارنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، كۆپچىلىكنى تارىخنى ئەستە ساقلاپ، يۇرتىنى سېغىنىش ھېسسىياتىنى ساقلاپ قېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. سۇ مۇھىتىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يېشىللىقنى خەلققە قايتۇرۇپ، مەنزىرىنى خەلققە قايتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك.

  خەن جېڭ گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى (گۇاڭدۇڭ) يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىغا كېلىپ، گۇاڭجوۋ شەھىرى تيەنخې رايونىدىكى شياڭگاڭ-ئاۋمېنلىق ياشلار ئائىلىسىگە كىرىپ، شياڭگاڭ-ئاۋمېنلىق ياشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، سۆھبەتلەشتى. خەن جېڭ مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ، ئاۋمېن سىلەرنىڭ ئائىلەڭلار، گۇاڭدۇڭ سىلەرنىڭ ئائىلەڭلار، چوڭ قولتۇق رايونى سىلەرنىڭ ئائىلەڭلار، ۋەتەن سىلەرنىڭ ئائىلەڭلار. كۆپچىلىكنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق كۈرەش نىشانى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ئۆز كەچۈرمىشى ۋە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ چوڭ قولتۇق رايونى ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكى جايلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ شياڭگاڭ، ئاۋمېن ياشلىرىنىڭ چوڭ قولتۇق رايونىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىنى قوللىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئالاقىدار تەرەپلەر سىياسەتنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق ياشلارنىڭ تۇرالغۇ، پەرزەنت تەربىيەسى، داۋالىنىش قاتارلىق ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

  خەن جېڭ گۇاڭجوۋ خەلقئارا جانلىقلار ئارىلى گۇاڭجوۋ تەجرىبىخانىسىغا كېلىپ، تەجرىبىخانىنى قۇرۇش ۋە نەپەس يولى كېسەللىكلىرى ساھەسىدىكى پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. خەن جېڭ تەجرىبىخانىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇلارنى پەن-تېخنىكا تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  خەن جېڭ گۇاڭجوۋ شەھىرى لوگاڭخېيۈەن كاپالەتلىك تۇرالغۇ رايونىغا بېرىپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ تۈرىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى ۋە چېقىش-كۆچۈرۈش، ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى؛ ئاممىۋى ئىجارە ئۆيلىرىنى ئىجارە ئالغۇچىلار ئارىسىغا كىرىپ، تۇرالغۇ ئىلتىماس قىلىش شەرتى، تۇرالغۇ كۆلىمى ھەم ئىجارە ھەققى، ئىجارە مۇددىتى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاممىۋى ئىجارە تۇرالغۇ تەمىناتىنى كۆپەيتىپ، تېخىمۇ ياخشى يەرلىك تەجرىبىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، چوڭ شەھەرلەردىكى تۇرالغۇ گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.

  خەن جېڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىدىن مەركىزىي سوۋېت رايونىغىچە بولغان مەخپىي قاتناش لىنىيەسى شەنتوۋ قاتناش ئوتتۇرا بېكىتىنىڭ كونا ئورنىغا كېلىپ، قىزىل تارىخ ۋە ئىنقىلابىي مەدەنىيەتنى قوغداش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. خەن جېڭ مۇنداق دېدى: قىزىل ئەنئەنىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىغا ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ