مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ 4-قېتىملىق پاكلىق خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىل دۇرۇس بولۇش، كەيپىيات توغرا بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

2021.04.27 14:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن 26-ئاپرېل 4-قېتىملىق پاكلىق خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پاك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، شۇڭا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات»تىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ، ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىدىن سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، دۆلەت كومىسسارلىرىدىن ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، جاۋ كېجى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. دۆلەت كومىسسارى شياۋ جيې يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋدۇ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا ھۆكۈمەت سىستېمىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە تىزگىنلەپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى. ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، بۇ يىللىق تەرەققىياتنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ھۆكۈمەت سىستېمىسى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ۋە زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆپ خىل ئېغىر زەربىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋەتىزگىنلەپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. لېكىن، بەزى ساھەلەردە چىرىكلىك ئەھۋالى ۋە ناتوغرا ئىستىل بىرقەدەر گەۋدىلىك بولۇپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىق ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت. ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئىزچىلئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ۋەئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ياخشى باشلاش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، پۇختا، چوڭقۇر، ئىنچىكە ئىستىل ئارقىلىق، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مالىيە مەبلىغىنى پۈتۈن جەريان ۋە ھەر تەرەپلىمە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، مالىيە مەبلىغىنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمىنىڭ كارخانىلارغا، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كارخانىلارغا چېتىشلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى دەل جايىدا ۋە ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئارقىسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى سېلىنمىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سېلىنما قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، تۇتۇپ قېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، كۆز بوياپ چىقىم قىلىش، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرىگە ئېتىبار بېرىش قاتارلىق ناچار قىلمىشلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، ھۆكۈمەتنىڭ غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈش تارىنى چىڭ تۇتۇپ، جىددىي ئېھتىياجلىق بولمىغان ۋە مۇتلەق چىقىمنى ئازايتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، مالىيە كىرىمىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىرقەدەر تېز بولۇش سەۋەبىدىن ھۆكۈمەتنىڭ غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈش تارىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشقا بولمايدۇ، خەلق ئۈچۈن تېجەشلىك ئىشلىتىش كېرەك. تۆتىنچى، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، مەمۇرىي ھوقۇقنى مەنبەدىن قېلىپلاشتۇرۇپ، چىرىكلىك پەيدا قىلىدىغان تۇپراقنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يوقىتىش كېرەك. ئادىل ۋە ھەققانىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىشقا، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشقا بولمايدۇ، ھاياتلىق، ساغلاملىق ۋە جامائەت بىخەتەرلىكى مەسىلىرىگە چېتىلىدىغان ساھەلەردە نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ساختا ۋە ناچار بولۇشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق باشقۇرۇش ۋە ئېغىر جازالاش كېرەك. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى:ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە، ھەمدە تەرەققىيات جۇڭگودىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىغا ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، پاك-تەلەپچان بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تاموژنا باش مەھكىمىسى ۋە فۇجيەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ