مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جاۋ لېجى مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 7-نۆۋەتلىك كۆزىتىش سەپەرۋەرلىك-ئورۇنلاشتۇرما يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

كۆزىتىشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي نازارەتچىلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش لازىم

2021.04.29 18:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 28-ئاپرېل مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 7-نۆۋەتلىك كۆزىتىش سەپەرۋەرلىك-ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، بۇ يىللىق كۆزىتىش خىزمىتى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مەركەز باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى مەركەزلىك كۆزىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ نۆۋەت ئالمىشىش ۋاقتى بويىچە كۆزىتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، سىستېما قارىشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى-تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە كۆزىتىشنىڭ تولۇق قاپلىنىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، نازارەت قىلىشنىڭ ئىجرا قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش، تەرەققىياتنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش تەكىتلەندى.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كۆزىتىش − سىياسىي كۆزىتىشتۇر، مۇھىم سىياسىي خىزمەتتۇر، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى جەزمەن سىجىل ئۆگىنىپ، چۈشىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى»غا نىسبەتەن كۆڭلىدە سان بولۇش، كۆزىتىشنىڭ ئورنى، فاڭجېنى، مۇھىم نۇقتىسى، ئۇسۇلى قاتارلىقلارغا قارىتا كۆڭلىدە سان بولۇش، كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇرچى، ئورنى، رولى قاتارلىقلارغا قارىتا كۆڭلىدە سان بولۇش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىش خىزمىتىنى چۈشىنىش، ئىگىلەش، كۆزىتىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىلمىي، دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. نۆۋەتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، سىياسىي كۆزىتىش، سىياسىي نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، «14-بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ كۆزىتىش تۈزۈمىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئىزدىنىپ ئىجاد قىلىنغان قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، سىياسىي كۆزىتىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت-فاڭجېنلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك؛ «مەسىلىلەرنى بايقاش، چۆچۈتۈش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت كۆزىتىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، شەمشەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش لازىم؛ خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى كۈچەپ بايقاش ۋە ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك، ئامما نازارەتچىلىكى ۋە باشقا نازارەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مەركەزنىڭ 7-نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالىي مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، مەركەز باشقۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى زىچ چۆرىدەپ، ئالىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرغان، تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق زىددىيەت، چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تېپىپ چىقىش ۋە ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇتەخەسسىس، ئالىملار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوملار، مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا توغرىلىنىپ، قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنى كۆزىتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى ياڭ شياۋدۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى چېن شى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 7-نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشىگە ھوقۇق بېرىش ۋە ۋەزىپە تەقسىماتى قارارىنى جاكارلىدى. يىغىن تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، جياڭشى ئۆلكىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، جۇڭگو نېفىت-خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ