خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28-ئاپرېل چاد زۇڭتۇڭى دەبىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاد ھەربىي ئۆتكۈنچى كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەدكە تەزىيە تېلېگراممىسى يوللاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەمدە ئۆز نامىدىن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، چاد ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ھەم زۇڭتۇڭ دەبىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ دەبى چاد خەلقىنى يېتەكلەپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى تىرىشىپ قوغدىغان. ئۇ ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن چادنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشقان. مەن جۇڭگو-چاد خەلقىنىڭ دوستلۇقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، جۇڭگو چاد بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ