خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ھىندونېزىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر چۆكمە پاراخوتىنىڭ يېقىندا چۆكۈپ كەتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكوغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى.
شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندونېزىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر چۆكمە پاراخوتىنىڭ ھادىسىگە ئۇچراپ چۆكۈپ كەتكەنلىكى، نۇرغۇن ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ بەختكە قارشى قازا قىلغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈپ كەتتىم، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ