مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ شاڭخەي، جېجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

دەۋرنىڭ تومۇرىنى ئىگىلەپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك

2021.04.29 14:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېقىندا شاڭخەي، جېجياڭدا «يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا» كېڭىشىپ مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنى كۈچەيتىش ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكا خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىدىكى يادرولۇق ئورنىنى پۇختا ئىگىلەپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە پەن-تېخنىكىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى پەن-مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، نىشان مەركىزىنى نىشانلاپ، مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت ۋە پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغۋار پىلاننى قەدەممۇقەدەم گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  4 -ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە، ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ قىسمەن ئەزالىرىنى باشلاپ، شاڭخەي ۋە جېجياڭدىكى ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرى، تەجرىبىخانىلار، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق شىركەتلەر ۋە مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي تەتقىقات ۋە تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، نەتىجىلەرنى قوللىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى ھەم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنىڭ مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا،ھەمدە پەن-تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا بولغان ئېھتىياجى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ جىددىي بولدى. مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز بايقاش، تەتقىق قىلىش، ھەل قىلىش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىيات تاشقى مۇھىتىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشكە ئەستايىدىل ھۆكۈم قىلىپ ۋە مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇپ، تاشقى بېسىمنى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى تەقسىملەشتىكى مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن تەتقىقات كۈچلىرىنىڭ ياخشى تەقسىملىنىشى ۋە بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاساسىي تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى زورايتىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ياخشى يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى كۆزلەپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات تىپىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، پەن-تېخنىكىدىن ئىبارەت بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىختىساسلىقلاردىن ئىبارەت بىرىنچى بايلىقىنى يېتىشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى كۈچەيتىشنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىختىساسلىقلار توپلاشقان ۋە ئەقلىي كۈچ توپلاشقان ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى ۋە پەن-تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشى كېرەك. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى چياڭ ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
  
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ