مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2021.04.29 14:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 28- ئاپرېل چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ۋىدىئو ئارقىلىق گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىگە بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىيە، ئىقتىساد-سودا، ئەدلىيە، مالىيە، سانائەت، قاتناش، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، سەھىيە، يېزا ئىگىلىكى، مۇھىت ئاسراش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق 25 تارماقنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي رىتىمى، ھەمدە ئىككى دۆلەت خەلقى بىۋاسىتە مەنپەئەتلەنگۈچىلەردىندۇر. يېقىندا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭلى خانىم بىلەن تېلېفونلاشتى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام ۋە مۇقىم تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇرەككەپ ۋە چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ، يۇقۇم يەنىلا يامراۋاتىدۇ، قورۇقچىلىق داۋاملىق مەۋجۇت. كەڭ دائىرىلىك يۇقۇم خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەمكارلىقنىڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىپ، ئىتتىپاقلىق كۈچىنى نامايان قىلىشقا چاقىردى. جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن سۆھبەت ھەمكارلىق چوڭ يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم-زور مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق ئاساسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، گۇماننى تۈگىتىپ، ئىختىلاپنى ئازايتىپ، دىققەتنى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرسىلا، سۆھبەتلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنىڭ يەنىمۇ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە ساغلام ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىرقى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋاكسىنىنىڭ ئادىل ۋە مۇۋاپىق تەقسىملىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، «ۋاكسىنىلىق مىللەتچىلىك»كە قارشى تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو-گېرمانىيە «تېز يولى»دىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى تەرەپ زۆرۈر خادىملىرىنىڭ بېرىش-كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداش كېرەك.لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشى ۋە گېرمانىيەنىڭ ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىگە قاتنىشىش ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئېچىۋېتىشنى قوللاش، ئادىل رىقابەتتە چىڭ تۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ، گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى خالايدۇ. ئېچىۋېتىش قوش يۆنىلىشلىك بولۇشى كېرەك، ئۆزئارا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش داۋامىدا ئەركىن سودىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ بالدۇرراق ئىمزالىنىپ كۈچكە ئىگە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام ۋە مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  مېركىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېلەر يىلى گېرمانىيە-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ «تېز يولى»نىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خادىملارنىڭ تەرتىپلىك ئالاقىسىنى ساقلاپ، ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. گېرمانىيە تەرەپ ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىشىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرىدۇ، سۆزلىشىش، كېڭىشىش داۋامىدا ئىختىلاپنى ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ياۋروپا-جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. مەن ئىككى تەرەپ كېلىشىمنىڭ بالدۇرراق كۈچكە ئىگە بولۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئىككى تەرەپ بىردەك مۇنداق قارىدى: جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمىتى كېڭىشىش مېخانىزمى ئورنىتىلغان 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە «دەرىجىدىن تاشقىرى موتور»نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىككى تەرەپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مالىيە سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن جۇڭگو-گېرمانىيە قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەتلەر سۆھبىتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشكە بىردەك قوشۇلدى؛ ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، ئاپتوموبىل ياساش، يۇقىرى پەن-تېخنىكا، يېڭى ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  كېڭىشىشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى «بۇلۇت كېلىشىمى» ئىمزالاش مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتنىشىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، سەھىيە-ساغلاملىق، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، خەلقئارا تەرەققىيات، قاتناش-تىرانسپورت، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولدى.

  ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ