مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ 92-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

ئالاقىدار لايىھە ۋە تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

2021.04.29 18:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 92-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى فېي يىغىنغا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدا دوكلات؛ يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدا دوكلات؛ دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدا دوكلات؛ مائارىپ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدا دوكلات؛ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى قاتارلىق توققۇز قانۇننىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات؛ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات؛ مەركەز خامچوتىنى تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات؛ گوۋۇيۈەنگە ئەركىن سودا سىناق رايونىدا ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرنى ۋاقىتلىق تەڭشەپ تەتبىقلاش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، ئالاقىدار لايىھەلەرنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى، قارار لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى جاڭ يېسۈي يىغىنغا «‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى كېلىشىمى› قوشۇمچە كېلىشىمنامىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلاردا قانۇن يۈرگۈزۈشتە ھەمكارلىشىش شەرتنامىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ ۋە سودا ئىشلىرىدا قانۇن يۈرگۈزۈشتە ھەمكارلىشىش شەرتنامىسى»، «كىۋادرات كىلومېتىر سەپ رەسەتخانىسى قۇرۇش ئەھدىنامىسى»نى قاراپ چىقىش ئەھۋالى ۋە شەرتنامىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تۈزۈلگەن نۇسخىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ يىغىنغا بەزى ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدا دوكلات ۋە تەيىنلەش-قالدۇرۇش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى يۇقىرىقى لايىھەلەرنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى، قارار لايىھەسى قاتارلىقلارنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ