بىرىنچى، بەدەننى قەرەللىك تەكشۈرۈتۈش.
ئىككىنچى، نەپەسلىنىش، تومۇر سوقۇش رېتىمى، قان بېسىم، چوڭ-كىچىك تەرەت ئەھۋالىنى دائىم تەكشۈرتۈپ تۇرۇش.
ئۈچىنچى، قۇرامىغا يەتكەنلەر قان بېسىم ئەھۋالىنى قەرەللىك ھالدا ئۆلچەپ تەكشۈرۈش.
تۆتىنچى، 40 ياشتىن تۆۋەن، قاندىكى ماي مىقدارى نورمال كىشىلەر ھەر ئىككى يىلدىن بەش يىلغىچە بىر قېتىم قاندىكى ماي مىقدارىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش.
بەشىنچى، 40 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر ئاز بولغاندا ھەر يىلى بىر قېتىم قاندىكى ماي مىقدارىنى تەكشۈرۈتۈش.
ئالتىنچى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم قاندىكى ماي مىقدارىنى تەكشۈرۈتۈش.
يەتتىنچى، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بالدۇرراق ئېتىبار بېرىش، راكتىن مۇداپىيەلىنىش تەكشۈرۈتۈشىنى قەرەللىك ئېلىپ بېرىش.
سەككىزىنچى، بەدەننىڭ يۈزە قىسمىدە پەيدا بولغان غەيرىي تېرە ئۆسمىسى قاتارلىق راك خەۋپى ئۇچۇرىغا قاتتىق ئېتىبار بېرىش.
توققۇزىنچى، زۇكامدىن مۇداپىيەلىنىشكە دىققەت قىلىش، زۇكام ئاستا توسۇلۇش خاراكتېرلىق ئۆپكە كېسىلى، زىققا كېسىلى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىق نەپەس يولى سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنىڭ جىددىي قوزغۇلۇشىدىكى ئاساسلىق پەيدا قىلغۇچى سەۋەب ھېسابلىنىدۇ.
ئونىنچى، ئاستا خاراكتېرلىق نەپەس يولى سىستېمىسى كېسەللىكلىرى بىمارى ۋە ياشانغانلار قاتارلىق گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولغان كىشىلەر ئاكتىپلىق بىلەن تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ۋە ئۆپكە ياللۇغى شارچە باكتېرىيىسى ۋاكسىنىسى ئەملەش.
ئون بىرىنچى، ساغلام كىشىلەر 40 ياشتىن باشلاپ ھەر يىلى بىر قېتىم ئاچ قورساق قاندىكى قەنت مىقدارىنى ئۆلچەش.
ئون ئىككىنچى، ئەيدىز، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، C تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ خەتىرى، ئالدىنى ئېلىش بىلىمى ۋە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىگىلەش.
ئون ئۈچىنچى، يۆتەلگەندە، چۈشكۈرگەندە بېلىكى ياكى قەغەز بىلەن ئېغىز، بۇرنىنى توسۇش، توغرا، مەدەنىي تۈكۈرۈش.
ئون تۆتىنچى، ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ كېسەللەردىن مۇداپىيەلىنىشتىكى مۇھىم رولىنى يېتەرلىك چۈشۈنۈش، ئاكتىپلىق بىلەن ۋاكسىنا ئەملەش.
ئون بەشىنچى، بىخەتەر بولغان جىنسىي مۇناسىۋەتتە گاندون ئىشلىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈش.
ئون ئالتىنچى، قۇرامىغا يەتكەن ساغلام كىشىلەر ھەر قېتىم 400ml قان تەقدىم قىلغاندا سالامەتلىككە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
ئون يەتتىنچى، 40 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر ياكى ئاستا خاراكتېرلىق نەپەس يولى سىستېمىسى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆپكە فۇنكسىيىسىنى تەكشۈرۈتۈش.