مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەمەلىي ئىشلەش ئارزۇنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر

2020.07.30 16:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  [ھېكايە]

  يېقىندا، 2020-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى، يۈننەن لىجياڭ خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى 150 ئوقۇغۇچى ئىچىدە 150 ئوقۇغۇچىنىڭ نومۇرى تولۇق كۇرس سىزىقىدىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 70 ئوقۇغۇچى 1-تۈركۈمدىكى تولۇق كۇرس سىزىقىدىن ئاشتى. بۇ قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى 63 ياشلىق جاڭ گۈيمېي ئىدى. ئۇ 17 يېشىدا ئاچىسى بىلەن يۈننەنگە بېرىپ چېگرا رايونغا ياردەم بەرگەن، كېيىن لىجياڭ پېداگوگىكا مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى بولغان. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان بىر مەكتەپتە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى چەت-يىراق تاغلىق كەنتلەردىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ نۇرغۇن قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا ھەقسىز قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى قۇرۇش ئويى پەيدا بولدى. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى 2008-يىلى رەسمىي قۇرۇلدى، ھازىر 1600 دىن ئارتۇق قىز بۇ مەكتەپتە ئوقۇپ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى.

  [باھا]

  جاڭ گۈيمېي مۇئەللىم ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق: «پەقەت تىنىقىم بولسىلا، دەرس مۇنبىرىدە چىڭ تۇرىمەن» دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى ھەمدە چىڭ تۇرۇش ۋە تۆھپە قوشۇش داۋامىدا مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرىغا پۈتۈن كۈچىنى بېغىشلىدى.

  ياشلىق باھارى قەيەردە پورەكلەپ ئېچىلسا، شۇ يەردە كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايە بار بولىدۇ. سائەت ئىسترېلكىسى 1997-يىلىغا قايتۇرۇپ كېلىندى، ئېغىر بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان جاڭ گۈيمېي ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان سىنىپنىڭ ئۆگىنىشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، قاتتىق ئاغرىققا چىداپ، تۆت سىنىپ ئارىسىدا ئۇياق-بۇياققا قاتراپ يۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن دوختۇرخانىدا يېتىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن، يەرلىك ئىئانە قىلىشقا تەشكىللىدى، يۇرتداشلارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن تەسىرلەنگەن جاڭ گۈيمېي كۆز ياشلىرىنى تۆكتى، ئۇ «خۇاپىڭ ماڭا ئىككىنچى قېتىم ھاياتلىق ئاتا قىلدى»، دېدى. ئۇ تاغلىق رايوندىكى بالىلارنىڭ ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، «خۇاپىڭ ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلىپ بېرىش» ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

  مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بىلەن نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇش جاڭ گۈيمېينىڭ ئارزۇسى ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، تەربىيە كۆرگەن قىزلار ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. ئەگەر مەدەنىيەتلىك، مەسئۇلىيەتچان ئانىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقسا، تاغدىكى بالىلار ئوقۇشتىن توختاپ قالمايدۇ. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۇ مۇشۇنداق ئويلاپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مۇشۇنداق قىلدى. ئەمەلىي ئىشلەش ئارزۇنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولدى. تاغلىق رايونلارنىڭ مائارىپ شارائىتى ھەرقانچە جاپالىق بولسىمۇ، ئۇ ھېرىپ- چارچىغىنىغا قارىماي ئىزچىل خىزمەت قىلىپ، بالىلارغا ئۆگىنىش ئارقىلىق تاغدىن چىقىدىغان، كەلگۈسىگە يۈزلىنىدىغان ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى يارىتىپ بەردى. جاڭ گۈيمېينىڭ تېنى ئاجىز بولسىمۇ، خۇددى بىر نۇرلۇق چىراغقا ئوخشاش بالىلارنىڭ ئوقۇش ئارزۇسى، پەرۋاز قىلىش ئارزۇسىنى يورۇتتى.

  نامراتلىقنى تۈزەشتە ئاۋۋال نادانلىقنى تۈگىتىش، نامراتلارنى يۆلەشتە چوقۇم ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش كېرەك. نۆۋەتتە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىردى، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەكتەپ باشقۇرۇش مۇھىتنىى ياخشىلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش زۆرۈر. بۇ كېيىنكى قەدەمدە مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم تەرىپى. جاڭ گۈيمېيگە ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچىنى تۆۋەنگە چۈشەلەيدىغان، تۇرۇپ قالالايدىغان، ياخشى ئوقۇتالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلغاندىلا، نامرات رايونلاردىكى تېخىمۇ كۆپ بالىلارنى ياخشى ئوقۇيالايدىغان قىلغىلى بولىدۇ. تۈرلۈك ئاماللار بىلەن تەدبىر قوللىنىپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى تېخىمۇ دەل جايىدا يولغا قويغاندىلا، مائارىپنىڭ نامراتلارنى يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

  ھازىر خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە، بەزىلىرى ئوقۇتقۇچى بولدى، بەزىلىرى ساقچى بولدى، بەزىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يىراق-چەت، جاپالىق رايونلارغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى تاللىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئورنىدا جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ. جاڭ مۇئەللىمنىڭ شەكىلسىز كۈچى بار بولۇپ، تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە ئۈمىد ئۇرۇقى چېچىپ، بالىلارنى تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئىنتىلىشكە ئۈندىمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ