مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلقئارا سۆز ھوقۇقىمىزنى تىرىشىپ كۈچەيتەيلى

ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق ۋە ئومۇميۈزلۈك بولغان جۇڭگونى نامايان قىلايلى

2020.07.30 16:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتنىڭ ئوبرازى ئەمەلىيەتتە بىر دۆلەتنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئابرۇيى ۋە دۇنياۋى ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى تەسىر كۈچىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئېلىمىزنىڭ كۈنسېرى دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىزنىڭ جەزمەن دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىگە ماس كېلىدىغان خەلقئارا سۆز ھوقۇقىمىزنى شەكىللەندۈرۈشىمىزگە ۋە دۇنياغا ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق ۋە ئومۇميۈزلۈك بولغان جۇڭگونى نامايان قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

  بىز دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنى ئىزچىل رەۋىشتە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچى دۆلەتنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشنىڭ ئاساسىدۇر. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھەم نامرات، ھەم قالاق ھالەتتىكى كونا جۇڭگونى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىقىدىن ئىبارەت «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نى يارىتىپ، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئۆستۈردى. 70 نەچچە يىلدىن بۇيان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگونىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى نامرات ۋە قالاق بولغان دۆلەت ئوبرازىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، يېپيېڭى قىياپەت بىلەن دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈردى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ مىسلىسىز پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئوبرازى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك يۈكسەك ئېتىبارغا ئېرىشىپ باقمىغان. رېئال دۇنيانى بۇرمىلاپ كۆرسىتىدىغان ئۇنداق رەڭلىك كۆزئەينەكنى تاقىۋالمىغان ھەر بىر كىشى شۇنى كۆرەلەيدۇكى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى مۇستەملىكىچىلىك ياكى باشقا دۆلەتلەرنى تالان-تاراج قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قەتئىي قوغداپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش ۋە ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا بىرگە مېڭىش ئارقلىق قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرمايدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ھەرقانداق دۆلەتكە تەھدىت سالمايدۇ، جۇڭگو مەڭگۈ زومىگەر بولمايدۇ، مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك قىلمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىز باشتىن-ئاخىر خەلقئارا ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت يۈكسەكلىكىنى ئىگىلەپ، دۆلەت ئوبرازىنىڭ ئەخلاق ئاساسىنى پۇختىلىدۇق.

  خەلقئارا جامائەت پىكرى كەيپىياتىنى تىرىشىپ ياخشى يارىتىشىمىز كېرەك. يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قەددىنى رۇسلىدى، كونا قائىدە ۋە ناچار ئادەتلەر تېزدىن تۈگىتىلىپ، مەدەنىي كەيپىيات تىكلەندى. 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى مول ماددىي مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى يارىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، روھىي قىياپىتى ۋە ئىجتىمائىي كەيپىياتتىمۇ يېڭى تۈسكە كىردى. جۇڭگو خەلقى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك جۇشقۇن ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ باقمىغان. تىرىشچانلىق، ئەقىل-پاراسەت، جان تىكىپ ئېلىشىش ۋە كۈرەش قىلىش جۇڭگو خەلقىنىڭ روشەن بەلگىسى بولۇپ قالدى. بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى جەھەتتىكى قۇرۇلۇشى ھەم ئېغىر ۋەزىپىگە ھەم مىسلى كۆرۈلمىگەن پۇرسەتكە دۇچ كەلمەكتە. بىز تېپىلغۇسىز بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئوبرازىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولغان خەلقئارا جامائەت پىكرى كەيپىياتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياردەم كۈچىمىزنى چىقىرىشىمىز كېرەك.

  سىرتقا گەپ قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. خەلقئارا جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئوقۇمۇشلۇق زاتلار جۇڭگونىڭ مۆجىزىلىرىگە كۈندىن-كۈنگە قىزىقماقتا، جۇڭگونى تېخىمۇ ئەتراپلىق، تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىنى ۋە تونۇشنى ئۈمىد قىلماقتا. باش شۇجى شى جىنپىڭ سىرتقا تارقىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى سىرتقا ياخشى سۆزلەش، جۇڭگو ساداسىنى سىرتقا ياخشى تارقىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەلىپى بويىچە، سىرتقا گەپ قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىرتقا گەپ قىلىشتىكى ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنى تۇتاشتۇرىدىغان يېڭى ئۇقۇم، يېڭى كاتېگورىيە ۋە يېڭىچە بايانلارنى ئىجات قىلىپ، مەدەنىيەت تارقىتىشنىڭ يېقىنلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ھازىرقى زامان جۇڭگو ئوبرازىنى دۇنيادا تېخىمۇ پارقىرىتىشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو ساداسىنى ياخشى تارقىتىشىمىز كېرەك. خەلقئارا تارقىتىش سۈپىتىنىڭ قانداق بولۇشى ۋە دۆلەتنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش ئۈنۈمىنىڭ قانداق بولۇشى، بىزنىڭ جۇڭگو ھېكايىسىنى سۆزلەش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيىمىزگە، ھەمدە بىزنىڭ قانداق ھېكايە تېمىسىنى تاللىشىمىزغا، ھەم شۇنداقلا قانداق ئۇسۇل بىلەن ھېكايە سۆزلىشىمىزگە باغلىق. بىز خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگونىڭ غايەت زور نەتىجىلىرىنى قانداق قولغا كەلتۈرگەنلىكىمىزنى ئەتراپلىق ۋە ئوبيېكتىپ ھالدا تونۇشتۇرۇشىمىز بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگودەك 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسى بار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر چوڭ دۆلەتتە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشتا قىيىنچىلىقنىڭ نەقەدەر كۆپ بولغانلىقى، زىددىيەتنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە مۇرەككەپ بولغانلىقى ۋە دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغانلىقى، ھەمدە تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئاسانغا چۈشمىگەنلىكى قاتارلىقلارنى جانلىق پاكىتلار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك. كۆپ خىل ئالماشتۇرۇش شەكلى، كۆپ خىل تارقىتىش يوللىرى ۋە ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش سۇپىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دۇنياغا ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق ۋە ئومۇميۈزلۈك بولغان جۇڭگونى تىرىشىپ كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ