مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ساغلاملىق بۇيۇملىرىغا چېتىلىدىغان جىنايەت قىلتىقى كۆپ بولماقتا

«ھەممە كېسەلنى داۋالىيالايدىغان» ساغلاملىق بۇيۇملىرىدىن ھوشيار بولۇڭ

2020.07.30 16:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بېيجىڭ خەيدىيەن ج خ شۆبە ئىدارىسى بېيتەيپىڭجۇاڭ ساقچىخانىسىغا مەلۇم ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىسى مەلۇم قىلىپ، مەھەللىدىكى بىر ئاھالىنىڭ بىر نەچچە خالتا ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى كۆتۈرۈۋالغانلىقىنى ھەمدە بىر ناتونۇش ئەرگە ھەق تۆلىمەكچى بولغانلىقىنى، ئاھالىنىڭ ئالدانغانلىقىدىن گۇمانلانغانلىقىنى ئېيتتى.

  ساقچىلار مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن نەق مەيدانغا بېرىپ، ئەسلىدە ساغلاملىق بۇيۇملىرى كۆتۈرۈۋالغان شياۋ ئەپەندىنىڭ بېيجىڭدىكى مەلۇم دورا دۇكىنىدا ئاتالمىش «مۇتەخەسسىس» تەرىپىدىن يۈرەك، جىگەر، تال، ئۆپكە، بۆرەكتە كېسەللىك ئۆزگىرىشى بار دەپ دىياگنوز قويۇلغان ھەمدە دۇكاندىكى يېڭى تىپتىكى ساغلاملىق يېمەكلىكى «بەش ئېلېمېنتلىق غول ھۈجەيرە»نى سېتىۋېلىشقا تەۋسىيە قىلىنغان، بۇ ساغلاملىق يېمەكلىكى كېسەلنى داۋالىيالايدۇ، دېيىلگەن بولۇپ، بىر داۋالاش مۇددىتىنىڭ ھەققى 19 مىڭ 900 يۈەن ئىدى. شياۋ ئەپەندى دۇكاندىكى خادىملارنى ئېلىپ ئۆيىگە پۇل ئالغىلى بارغاندا، ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى خىزمەتچىلەر ئۇنى ۋاقتىدا بايقاپ، ساقچىغا مەلۇم قىلغان.

  خەيدىيەن ساقچى تەرەپنىڭ ئېنىقلىشىچە، بۇ دورىخانا 2019-يىلى 1- ئايدىن باشلاپ مەھەللىدە گۈرۈچ، ئۇن، ئاشلىق، ماي دېگەندەك نەرسىلەرنى ھەقسىز تارقىتىش، سەھرا سەيلىسى تەشكىللەش، كوللېكتىپ تاماقلىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق خېرىدارلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاندىن ئاتالمىش «مۇتەخەسسىسلەر»نىڭ ساغلاملىق لېكسىيەسى، خالىسانە كېسەل كۆرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، كۆپتۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق ياشانغانلارغا ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى سېتىپ ئالدامچىلىق قىلغان. ھازىر بۇ شىركەتنىڭ جاڭ فامىلىلىك قاتارلىق بەش نەپەر دېلوغا چېتىشلىق خادىمى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن خەيدىيەن ساقچىلىرى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى.

  ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ «قۇرۇم 2020- يىللىق» مەخسۇس خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، بېيجىڭ ساقچى تەرەپ ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان يېمەكلىك ساھەسىدىكى ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ، پۈتۈن شەھەر مىقياسىدا «يېمەكلىككە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش، تۈزەش، قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىش، زىيانداشلىقنى تۈگىتىش بەش چوڭ جېڭى − 2020» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يېمەكلىك ساھەسىدىكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلوسىدىن 54نى پاش قىلىپ، «قارا ئۇۋا»دىن 80 نەچچىسىنى بىتچىت قىلدى، 173 نەپەر جىنايەت گۇماندارى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە، بېيجىڭ خەيدىيەن، چاڭپىڭ، توڭجوۋ، مىيۈن قاتارلىق جايلاردىكى ساقچىلار ساغلاملىق بۇيۇملىرىغا چېتىشلىق جىنايى ئىشلار دىلوسىدىن 14نى پاش قىلىپ، يەتتە جىنايەت شايكىسىنى بىتچىت قىلدى، دېلوغا چېتىشلىق 59 ئادەمنى قولغا چۈشۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە كېسەللىك ئەھۋالىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، داۋالاش ئۈنۈمىنى كۆپتۈرۈش ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىش دېلوسى بار، يەنە ساغلاملىق بۇيۇملىرىغا قانۇنسىز ھالدا دۆلەت بۇيرۇق چۈشۈرۈپ مەنئى قىلغان دورا تەركىبىنى قوشۇش دېلوسى، ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى دورا قىلىپ كۆرسىتىپ ئالدامچىلىق قىلىش دېلوسى بار.

  ساقچى تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى يېمەكلىك كاتېگورىيەسىگە تەۋە بولۇپ، دورىنىڭ ئورنىدا كېسەل داۋالىيالمايدۇ، كېسەل بولغاندا مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك. ئەگەر مۇتەخەسسىسلەر لېكسىيە سۆزلەش، كىشىلەرگە تەۋىسىيە قىلىپ سېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپتىن ئوقۇشۇپ ھەقىقىي ئەھۋالنى پەرق ئېتىش لازىم، جىنايەتچىلەرگە پۇرسەت بەرمەسلىك كېرەك. ساقچى تەرەپ مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، كەڭ ئىستېمالچىلار يېمەكلىك، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى سېتىۋالغاندا چوقۇم مۇنتىزىم دۇكانغا بېرىشى ھەمدە دۇكاننىڭ تىجارەت كىنىشكىسى، ئالاقىدار يېمەكلىك تىجارىتى سالاھىيىتى بار- يوقلۇقىغا قاراپ بېقىشى، تاۋار ماركىسى، سىرتقى ئورالمىسىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، مال سېتىۋېلىش دوكۇمېنتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى ياخشى ساقلاش كېرەك. بازار باھاسىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن تاۋارلارنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن سېتىۋېلىش، ئەرزان باھانى كۆزلەپ ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ