مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تاماق يېگەندە يانفون ئوينىسىڭىز، تاماقنى %15 كۆپ يەۋالىسىز

2020.07.30 17:33 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونغا بولغان تايىنىشى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە، ئولتۇرسا-قوپسا قولىدىن يانفون چۈشمىگىنى ئاز كەلگەندەك، ھەتتا تاماق يېگەچمۇ يانفون ئوينايدىغانلار ئاز ئەمەس. يېقىندا، بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو فېدېراتسىيە داشۆسى بىلەن گوللاندىيە ئۇدلېچ داشۆسىنىڭ ھەمكارلىق ئۆمىكىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، كىشىلەر بىر تەرەپتىن يانفون ئويناپ، بىر تەرەپتىن تاماق يېسە، بىلىپ-بىلمەي ئادەتتىكىدىن كۆپ يەۋالىدىكەن، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا، ئاسان سەمىرىپ كېتىدىكەن.

  تەتقىقات گۇرۇپپىسى 18 ياشتىن 28 ياشقىچە بولغان 62 پىدائىينى تەجرىبە قىلغان. تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلار تاللا تاماق شەكلىدە ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى تاللاپ تويغىچە يېگەن. تاماق يەۋاتقاندا، تەتقىقاتچىلار ئۇلارنى ئايرىم ھالدا يانفون ئويناش، ژۇرنال كۆرۈش ياكى يانفون ۋە ژۇرنال كۆرمەسلىك بويىچە سىناق قىلغان. تەتقىقاتچىلار سىن ئاپپاراتى ئارقىلىق سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ تاماق يېيىش جەريانىنى خاتىرىلىگەن، ئارقىدىن ئۇلارنىڭ تاماق يېيىش ھەرىكىتى، تاماق مىقدارى ۋە ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەھلىل قىلغان. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۆڭۈل قويۇپ تاماق يېگەنلەرگە قارىغاندا، يانفون ئوينىغاچ ياكى ژۇرنال كۆرگەچ تاماق يېگەنلەر ھەر قېتىملىق تاماقتا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئادەتتىكىدىن %15 ئارتۇق ئىسسىقلىق قوبۇل قىلغان. شۇنداق بولۇپلا قالماي، يانفون ئوينىغاچ تاماق يېگەنلەر مايلىق يېمەكلىكلەرنى تاللاپ يېيىشكە مايىلراق كەلگەن.

  تەتقىقاتچىلار مۇنداق قارىدى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ۋە تاختا كومپيۇتېر تاماق يېگەندە دىققەتنى چاچىدىغان ئاساسلىق سەۋەب. ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن، بالىلار تاماق يېگەندە ئۇلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم، تاماق يېگەندە دىققەت چېچىلغان ھامان چوڭ مېڭە يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى توغرا ئىگىلىيەلمەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەر يەنە قۇرامىغا يەتكەنلەرگە شۇنداق ئەسكەرتتى، خىزمەت، تۇرمۇش ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ، تاماق يېگەندە تەمكىن بولۇپ، بەك تويۇنۇپ يەۋالماسلىق كېرەك.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ