باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>جۇڭگو ئارزۇسى

كېلىڭلار دوستلار،جوڭگۇ ئارزۇسىدا بىللە ئىلگىرلەيلى(1)

تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم

2013.07.23 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلىتىمىزنىڭ ئارزۇسى جاھان ئەھلىگە جاكارلانغاندا ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىكى 1مىليارد 300مىليوندىن ئارتۇق ھەرمىللەت خەلقى قاتارىدا مەنمۇ چەكسىز ئىپتىخارلانغان ئىدىم.چۈنكى بۇ دۆلىتىمىزنىڭ شۇنداقلا يەنە56 مىللەتنىڭ بىرلىكتە ئورتاق روناق تېپىش ئارزۇسى ئىدى، بۇ ھەممىنى چەكسىز ئىپتىخارلاندۇرىدىغان بۈيۈك،گۈزەل ئارزۇ.

  بۇ گۈزەل ئارزۇ ئالدىدا يەنە بىر ئىزدا بېكىنمە ھالەتتە تۇرىۋېرىشكە ئەمدى باھانە سەۋەپ كۆرسىتەلمەيمىز، ئارزۇنىڭ ئۆزى ـ كۈچ، ئارزۇنىڭ ئۆزى ـ قانات. ئارزۇ سىزنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەيۋەتلىك جۇڭگو ئارزۇسى ــ ئۇ بىر چەكسىز كۈچ-قۇدرەتنىڭ نامايەندىسى، ھەممە توسالغۇسىز، تەڭ يۈكسىلىشنىڭ كاپالىتى.

  سىز مۇشۇنداق ئورتاق ئارزۇدىن پەخىرلىنىڭ، پەخىرلىنىپلا قالماي، ئۇنى روھىڭىزنى زور ھەركەتكە ئايلاندۇرىدىغان ئىلھامغا ئايلاندۇرۇڭ، سىز مۇشۇ ئاتەش زىمىندا ياشاۋاتقان ئىناق بىر ئائىلىنىڭ ئەزاسىسىز.

  سىزگىمۇ خۇددى باشقىلارغا ئوخشاشلا نۇرغۇن مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەت ھەم نۇرغۇن ھوقۇق-ئىمتىياز ئاتا قىلىنغان.

  سىز ئويلىسىڭىزلا، تەپەككۇر قىلالىسىڭىزلا نۇرغۇن يېڭى ئىشلارنى قىلالايسىز، سىز ئەقىل كۆزىڭىز بىلەن يىراق-يېقىنغا نەزەر تاشلاڭ، دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭغانلار بىلەن ئۆزىڭىزنى ئوبدان سېلىشتۇرۇپ پەرقنى تېپىپ چىقىڭ، ئەتراپىڭىزدىكىلەر بىلەن ئەڭ يېقىن ھەمكارلىشىڭ، سىزمۇ شىركەت قۇرۇڭ، باشقا شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ گۇروھ بۇلۇپ تەشكىللىنىڭ، زاۋۇت قۇرۇڭ، مىھمانساراي سېلىڭ، چوڭ ـ چوڭ ئۆي-زېمىن قۇرلۇشلىرىنى قىلىڭ، ماي ـ گاز قاچىلاش پونكىتلىرىنى ئېچىڭ، ئەڭ ئاۋات، ئەڭ چوڭ سودا بازارلىرىدا تىجارەت قىلىڭ، يەسلى، باغچا، مەكتەپ ئېچىڭ. شۇ ئارقىلىق جەمىيەتتە ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ جەمئيەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى بېسىمىنى پەسەيتىڭ...... سىز قىلىشنى ئويلىغان ئەمما قىلالمىغان يەنە نۇرغۇن ئىشلار بار، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە سىياسەت يار يۆلەك بولىدۇ، سىز نى ـ نى ئىشلارنى قىلغان ۋاقتىڭىزدا ئارزۇنىڭ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، ئارزۇغا يىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقنىڭ نەقەدەر زۆرۆرلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ يىتىسىز.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل