باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بو شىلەي پارا ئېلىش، خىيانەتچىلىك، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايەتلىرىگە چېتىشلىق دەپ ئەيىبلەندى

2013.07.26 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل جىنەندىن بەرگەن خەۋىرى: بو شىلەينىڭ پارا ئېلىش، خىيانەتچىلىك، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايەتلىرىگە چېتىلىش دېلوسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى بېكىتىلدى، بۈگۈن شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىبلىدى.

  تەپتىش ئورگانلىرى ئەيىبلەشنى تەكشۈرۈش باسقۇچىدا جاۋابكار بو شىلەيگە دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۇقتۇردى ھەم جاۋابكاردىن گەپ سورىدى، ئۇ ھاۋالە قىلغان ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدى. جىنەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىدى: جاۋابكار بو شىلەي دۆلەت ئورگىنىنىڭ خىزمەتچىسى تۇرۇپ، خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ ئىنتايىن زور مىقداردىكى پۇل-مېلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان؛ زور سوممىدىكى ھۆكۈمەت پۇلىغا خىيانەت قىلغان؛ خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىنى چوڭ زىيانغان ئۇچراتقان، قىلمىشى ئىنتايىن ئېغىر؛ پارا ئېلىش جىنايىتى، خىيانەتچىلىك جىنايىتى ۋە خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايىتى بىلەن قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش ھەم بۇ جىنايەتلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ جازا بېرىش كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە