باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ گۇچۇڭ ناھىيەسى كېلەر يىلى گۇ چېڭ شەھىرى دەپ ئاتىلىشى مۇمكىن شىنجاڭدىكى 4 ناھىيە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەھەرگە ئۆزگەرتىلمەكچى

2013.07.26 17:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەھەرلىشىشنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ناھىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر قۇرۇش مەملىكەت بويىچە قىزىق دولقۇنغا ئايلاندى. شىنجاڭمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەلۋەتتە. گۇچۇڭ، ساۋەن قاتارلىق ناھىيەلەر ئارقا-ئارقىدىن ناھىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەھەر قۇرۇش پىلانىنى باشلىۋەتتى، بىڭتۈەنمۇ بېيدۈن بىلەن تۆمۈر قوۋۇق (تيېمېن گۇەن) نى شەھەرگە ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، يەنە بىر تۈركۈم يېڭى شەھەرلەرنى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ.

  ساۋەن ناھىيەسىنىڭمۇ ئوخشاشلا ناھىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەرگە ئۆزگەرتىش ئارزۇسى بار. 2012-يىلى، چۆچەك ۋىلايىتى «ناھىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەھەر قۇرۇش—ساۋەنگە نەزەر» ئىستېراتېگىيەسىنى بەلگىلىدى، ساۋەن ناھىيەسىنى شەھەرگە ئۆزگەرتىپ، قاراماي، كۇيتۈن، شىخۇ، شىخەنزە شەھەرلەر توپىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن.

  گۇچۇڭ،ساۋەن ناھىيەلىرىدىن سىرت، يەكەن، كۇچا قاتارلىق ناھىيەلەرمۇ بەس-بەستە ناھىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەھەر قۇرۇش پىلانىنى ھۆكۈمەت كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزدى. «شىنجاڭنىڭ شەھەر-بازار سىستېمېسى پىلانى (2012-2030)» غا ئاساسلانغاندا، گۇچۇڭ، ساۋەن، يەكەن، كۇچا قاتارلىق 4 ناھىيە نوپۇس، ئىقتىسادىي كۈچ، رايون ئەۋزەللىكى ۋە يېيىلما باشلامچىلىق رولى جەھەتلەردىن تۇنجى تۈركۈمدىكى ناھىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەھەر قۇرۇش شەرتىگە ئاساسەن ئۇيغۇن كېلىدىكەن، 4 ناھىيەنىڭ ئىلتىماس قىلىش تەييارلىق خىزمىتى تاماملىنىپ، شىنجاڭدىكى ناھىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر قۇرۇشنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق ئەترىتىگە ئايلاندى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار