باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش

ــ جۇڭگو ئىقتىسادىغا قانداق قارايمىز (5)

2013.07.26 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۇ يىل 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، زۇڭلى لى كېچياڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە تۇنجى قېتىم «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى، شۇندىن كېيىنمۇ ئۇ بۇ ئىستىراتېگىيەلىك ئىدىيەنى كۆپ قېتىم تەكىتلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  نېمە ئۈچۈن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىمىز؟ زۇڭلى سۆزىدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش 2020-يىلىدىكى نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، يەنى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش نىشانى، 2020-يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش نىشانى ۋە GDP بىلەن شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى 2010-يىلدىكىدىن بىر ھەسسە قاتلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت، دەپ كۆرسەتتى.

  زۇڭلى لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىشقا باغلىق، لېكىن تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسى، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچى، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھاسىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  ماكرولۇق سىياسەتتە قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساس قىلىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەش ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەڭشەش رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە چىدام كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىمىز لازىم. (فۇ جاڭچاۋ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر