باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

17 ئۆلكە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى

2013.07.26 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ 25-چېسلا ئېلان قىلغان مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، 17 جاي ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشىگەن، ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %17.6 بولغان.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى يىن چېڭجى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، شاڭخەينىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 1620 يۈەن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى؛ بېيجىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، 15.2 يۈەنگە يېتىدۇ. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكىتىمىزدىكى 10 جاي مائاش يېتەكچى سىزىقىنى بېكىتتى، ئۆلچەم سىزىقى ئومۇميۈزلۈك ھالدا %15 بولدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، 2013-يىللىق كارخانا ئىش ھەققىنى تەكشۈرۈش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە