باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: پېنسىيە يېشىنى كەينىگە سۈرۈشتە ئېھتىيات بىلەن قارار چىقىرىلىدۇ، مۇتەخەسسىسلەر ئەڭ ياخشى پېنسىيە يېشىنىڭ 64.14 ياش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

2013.07.26 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى يى چېڭجى 25-چېسلا «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ پېنسىيە يېشىنى كەينىگە سۈرۈش مەسىلىسى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پېنسىيە سىياسىتى توغرىسىدا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يەنىلا مۇتەخەسسىسلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىگە دىققەت قىلماقتا، ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، تولۇق دەلىللەپ، ئېھتىيات بىلەن قارار چىقىرىلىدۇ.

  نوپۇسنىڭ تېز قېرىلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي تارماقلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىنى ئىسلاھ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېقىندا بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۆلچەرلەش ئارقىلىق، ئوخشىمىغان ئىش ئورنىدىكى ئاممىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ ياخشى پېنسىيە يېشى پەرقىنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكىنى، لېكىن شەھەر-بازارلاردا ئىشلەيدىغان خادىملارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ ياخشى پېنسىيە يېشىنىڭ 64.14 ياش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، پېنسىيە يېشىنى كەينىگە سۈرۈشتە، ئوخشىمىغان كوللېكتىپنىڭ پېنسىيە يېشىنى تەھلىل قىلىپ ھەم ھەر قاتلامغا قارىتا قانۇندا بەلگلىگەن مۇۋاپىق پېنسىيە يېشىنى بېكىتىش دۆلىتمىزنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىنى تەڭشەشتىكى بىر تۈرلۈك سىياسىتى ئىكەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە