مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاكسىنا ئەملەشتە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىندى؟ گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى!

2021.04.20 21:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىجياجۇاڭ، خەندەن، شىنجى قاتارلىق جايلاردىكى ئامما شۇ جايدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەشتە ھەق ئېلىش مەسىلىسىنى ئىنكاس قىلدى، خېبېي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەكشۈرۈپ تۈزىتىشكە ئەستايىدىل تەشكىللىدى ھەم بەلگىلىمىگە خىلاپ ئېلىنغان ھەقنى قايتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى

  شىجياجۇاڭ، خەندەن، شىنجى قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن ئاممنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ «ئالاقە تورى + تەكشۈرۈش» سۇپىسى ئارقىلىق ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇلار شۇ جايدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەتكەندە، ئەملەش ھەققى ئېلىنغان، بۇ ئۇسۇل گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى بىلەن ئومۇمىي خەلقنى ھەقسىز تەمىنلەش» سىياسىتىگە روشەن ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش ئىشخانىسى ئامما قالدۇرغان سۆزنى دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلىغاندىن كېيىن، دەرھال خېبېي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەكشۈرۈپ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  خېبېي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش ئىشخانىسى يوللىغان مەسىلە يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال تەكشۈرۈپ بېجىرىشكە تەشكىللەپ، ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلە يىپ ئۇچىغا ئاساسەن رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنىڭ راستلىقى ئېنىقلاندى.

  ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، دەرھال ئۆزگەرتىپ، نۆۋەتتە ئالاقىدار خىراجەتلەرنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بەردى. خېبېي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئاھالىلەرگە ھەقسىز ئەملەش سىياسىتى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، ۋاكسىنا ۋە ۋاكسىنا ئەملەش مۇلازىمەت ھەققىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى ئۈستىگە ئالىدۇ، شەخسلەر ئۈستىگە ئالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەشتە شەخسلەردىن ھەق ئېلىش ئەھۋالىنىڭ يەنە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  بۇ خەتنى بېسىپ گوۋۇيۈەننىڭ «ئالاقە تورى + تەكشۈرۈش» سۇپىسىغا كىرىڭ

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ