مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نىمكەش ئاپتوموبىللارنى باشقا جايغا يۆتكەپ ئاپىرىپ تىزىملاتقاندا، يۆتكەپ ئېلىپ بارغان جايدا بىۋاسىتە رەسمىيەت بېجىرىشكە بولىدۇ

2021.04.20 11:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا مىنىستىرلىقىنىڭ 19- چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نىمكەش ئاپتوموبىللارنىڭ قولايلىق بىلەن سودا قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، سودا مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسى بىرلىكتە نىمكەش ئاپتوموبىلنى جاي يۆتكەپ سودىلىشىشقا تىزىملىتىشقا قولايلىق يارىتىش يېڭى تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىلگىرى نىمكەش ئاپتوموبىلنىڭ سودىسى ئاپتوموبىل يۆتكەپ چىقىرىلىدىغان جاي ۋە يۆتكەپ كىرگۈزۈلىدىغان جايدا ئىككى قېتىم تىزىملاپ تەكشۈرۈلەتتى. ئەمدى بۇ يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ رەسمىيىتى يۆتكەپ كىرگۈزۈلىدىغان جايدا بىۋاسىتە بېجىرىلىپ، ئىككى جاينىڭ بېرىپ-كېلىشى ئازايتىلىپ، "دەرھال بېجىرىش"، "شۇ جايدا بېجىرىش" ئىشقا ئاشۇرۇلاتتى. 2021- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، تيەنجىن، تەييۈەن، شېنياڭ، شاڭخەي قاتارلىق 20 شەھەردە كىچىك تىپتىكى غەيرى-تىجارەت نىمكەش ئاپتوموبىللىرىنى جاي يۆيكەپ سودىلىشىشنى تىزىملاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش يولغا قويۇلدى؛ 2021- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئۆلكە مەركىزى شەھىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزىي شەھىرى، پىلانى ئايرىم شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ ئۇسۇل يولغا قويۇلىدۇ؛ 2022- يىلى مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ