خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئاۋسترالىيە كانبېررا شەھىرىدە، جۇڭگونىڭ كۈلدۈرگە چولپىنى گو دېگاڭ (ئوڭدا) ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇزېيىنىڭ باشلىقى ماسېۋ ترىنكا بىلەن كۆرسىتىش زالىدا كېلىشىم ئىمزالىماقتا.
ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇزېيى جۇڭگونىڭ كۈلدۈرگە چولپىنى گو دېگاڭ بىلەن 29- مارت كانبېررادا كېلىشىم ئىمزالىدى. گۇو دېگاڭ ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك مۇزېيىنىڭ جۇڭگودىكى «مەدەنىيەت ئەلچىسى» ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانغا تەيىنلىنىپ، مەزكۇر مۇزېي ۋە ئۇنىڭ جۇڭگودىكى كۆرگەزمىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ ئومۇملاشتۇرىدىغانغا مەسئۇل بولىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ خەيجىڭ فوتوسى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى