باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، ئۆز ئارا ئارلىشىپ ئورتاق تەرەققىي قىلدى (مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى مېھىر-مۇھەببىتىنى بەرپا قىلىپ جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسىنى بىللە ئەمەلگە ئاشۇرۇش)

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىم ئۇدا 11 يىلدا ئىككى خانە ئاشتى

2014.09.25 08:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتتىنىڭ ئۆزئارا ئارلىشىپ تەرەققىي قىلىشى ھەرقايسى مىلەتلەرنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى يېقىنلاشتۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىزاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئارا تويلىشىپ 2008-يىلدىكى 666 جۈپتىن 2013-يىلدىكى 4795 جۈپكە كۆپەيدى. يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %48.4 ئاشتى. قان بىلەن گۆشتەك ئارلىشىپ كەتكەن مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىدە نۇرغۇن كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايىلەر يۈز بېرىپ، كىشىلىك دۇنيادىكى مېھىر-مۇھاببەتنى نامايەن قىلدى.

  مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت شىزاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ يىل ئالدىنىقى يېرىم يىلدا پۈتۈن رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 37 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتتى، ئوخشاش يىلدىكىدىن %11.7 ئاشتى. ئىلگىرىكى 5 يىل ئىچىدە، پۈتۈن رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئېشىش سۈرئىتى %12 يەتتى. ئۆتكەن يىل ئاخىرىدا 80 مىليارد يۈەنگە يەتتى، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى ئۇدا 11 يىلدا 2 خانە ئاشتى. ھەر مىللەت خەلقى تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن ئورتاق بەھىرلەندى. شىزاڭ «ياشانغاندا كۈتىنەلەيدىغان بولۇش، داۋالىنالايدىغان بولۇش، نامراتلار ياردەمگە ئېرىشەلەيدىغان بولۇش، ئولتۇرىدىغان ئۆيى بولۇش، مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولۇش»دىن ئىبارەت نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر