باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ يەر شارىدا كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى ۋە كۇڭزى ئىنستىتۇتى كۈنىنى تەبرىكلىدى

2014.09.30 08:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيادا كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى ھەم تۇنجى يەر شارى «كۇڭزى ئىنستىتۇتى كۈنى»نى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى يېزىپ، دۇنيادىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچاڭمۇ خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ 27-سېنتەبىر «كۇڭزى ئىنستىتۇتى كۈنى» پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمىدا شى جىنپىڭ، لى كېچاڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتتى ۋە سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: يەر شارى كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان پەيتتە كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ 90 دۆلەت ۋە رايوندىكى 286 نەپەر مەكتەپ ۋە ئىنستىتۇت مۇدىرىدىن كەلگەن خەتلەرنى تاپشۇرۇۋالدىم. سىلەر خېتىڭلاردا كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو خەلقى بىلەن دۇنيا خەلقىنى باغلايدىغان رىشتە ئىكەنلىكىنى ۋە كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ پارلاق كېلەچىكىدىن ئىشەنچكە تولغانلىقىڭلارنى تىلغا ئېلىپسىلەر، مەن بۇنىڭدىن زوقلاندىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 10 يىلدىن بۇيان، كۇڭزى ئىنستىتۇتى دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، جۇڭگو خەلقى بىلەن ھەر قايسى ئەل خەلقى ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئويناپ كەلدى. سىلەر ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىۋاتىسىلەر.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۇڭزى ئىنستىتۇتى جۇڭگوغا شۇنداقلا دۇنياغا مەنسۇپ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئاۋۋالقىدەكلا قوللايدۇ.

  لى كېچياڭ تەبرىك خېتىدە كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ جۇڭگو بىلەن چەتئەللەرنىڭ ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش قېلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتى ۋە سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن چەتئەل مەدەنىيىتىنىڭ قوشۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

  يەر شارىدىكى 123 دۆلەت ۋە رايوندا 465 كۇڭزى ئىنستىتۇتى ۋە 713 ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپتە كۇڭزى دەرسخانىسى تەسىس قىلىندى.

  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانتى تاجىكىستانلىق قىز مىنا مۇنداق دېدى: كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىدىغان ياشلارغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىشى، ئۇلارغا خەنزۇ تىلى ئۆگىتىش ئارقىلىق كىشىلىك تۇرمۇش يولى كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئىگىلىنىشىچە،كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە تەسىرى ئارقىسىدا، يەر شارىدا خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچىلەر 2004-يىلىدىكى 30 مىليوندىن ھازىر يۈز مىليونغا يەتكەن. ئامېرىكىدا خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئون يىل ئىلگىرىكىدىن 15 ھەسسە، گېرمانىيىدە 10 ھەسسە ئاشقان. ھازىر ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ياپونىيە ، كورىيە قاتارلىق 48 دۆلەت خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى خەلق مائارىپى سىستېمىسىغا كىرگۈزگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر